|
يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىشى بىلەن نۇرغۇن يېڭى قىيىنچىلىق، يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتىمىز. مەسىلەن: قالدۇق يەر تەۋرەش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئۈزلۈكسىز يېڭى قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا، ئاپەتكە ئۇچرىغان 14 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى يۆتكەپ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش زۆرۈر بولماقتا، ئاپەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق بولۇۋاتىدۇ. بىزئىرادىمىزنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، بۇ سىناقنى كۈتۈۋېلىشقا تېخىمۇ زور غەيرەت، يۈكسەك جەڭگىۋارلىق بىلەن ئاتلىنىشىمىز كېرەك.
ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن تەخىرسىز. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكى تۇرالغۇ مەسىلىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قىلىنىدىغان چېدىر، قۇراشتۇرما ئۆيگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى باركارخانىلار ۋەزىپىنى پائال، ئاكتىپلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى ئىشلەپچىقىرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن جىددىي ئاتلىنىشى؛ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ياساش ۋە قۇراشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جىددىي يۆتكەش، قۇراشتۇرۇش ئىشىنى چىڭ تۇتۇپ،تىرىشىپ ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىشى كېرەك. بۇ مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان كونكرېت تەلەپ، شۇنداقلا ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسى.
ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ دۇچ كەلگىنى تۇرالغۇ مەسىلىسىلا ئەمەس. يارىدارلارنى تېزدىن داۋالاپ ۋە يۆتكەپ، ئۇلارنىڭ ئوبدان داۋالىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خىزمىتى ناھايىتى جىددىي بولماقتا، بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى خادىمىنىڭ يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ، ئاپەتتىن كېيىن چوڭ يۇقۇم كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر؛ ئىككىلەمچى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن بولۇپ، ئاپەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ خەتەرلىك بولۇپ قالغان سۇ ئامبارلىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، خەتەرنى تۈگىتىش ۋە خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بولۇپمۇ توسۇلما كۆل ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئۇنىڭدىن مۇداپىئەلىنىش جىددىي زۆرۈر بولماقتا؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا، ئاپەت رايونىنى يېمەكلىك قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش جىددىي زۆرۈر بولماقتا. شەھەر رايونىدا قاتناشنى، بانكىدا تىجارەت قىلىشنى، بازاردا تەمىنلەشنى، مەكتەپلەردە دەرسنى ئىمكانقەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈش، دېھقانلار ئاشلىقنى ئىمكانقەدەر تېز يىغىۋېلىشى كېرەك، بولار ئاممىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كونكرېت، ئىنچىكە خىزمەت ئىشلەش زۆرۈر. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ يېڭى سىناقلىرى بىزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، تەشكىلىي رەھبەرلىك، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئاپەتتىن كېيىن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يۇرت – ماكاننى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى ناھايىتى مۇھىم، بۇ بىز مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، تۈرلۈك قىيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا دۇچ كەلگەن سىناق. بىز جىددىي ۋەزىپە ۋە بىر قاتار يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەر ئالدىدا چوقۇم سەگەك بولۇپ، ئومۇمىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككىنى، يەنى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭ تۇتۇشىمىز كېرەك. بۇ مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ئومۇمىيىتى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ قىلغان ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى. بىز مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىگە بويىچە، بىر تەرەپتىن، ئاپەت بولغان رايونلارغا ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى جەھەتتە قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە مەدەت بېرىشىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز خىزمىتىمىز، ئۆز رايونىمىز، ئۆز تارمىقىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقىنى قوغداش—ماھىيەتتىن ئېيتقاندا، ئاپەت بولغان رايونلاردىكى خەلققە كۈچلۈك مەدەت بەرگەنلىك.
يېڭى سىناق ئالدىدا بىز چوقۇم قىيىنچىلىققا يۈزلىنىپ، جەسۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك. ئاپەت يۈز بەرگەندە باش ئەگمەسلىكىمىز، قىيىنچىلىق ئالدىدا قەددىمىزنى رۇسلىشىمىز كېرەك. بىز داۋاملىق بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرىلىسەكلا، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەتەرلىك ئەھۋاللارنى تۈگىتىپ، يېڭى سىناقنى كۈتۈۋېلىش داۋامىدا يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – ماي تېلېگراممىسى)
|