باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام، خۇشال–خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى
2008- 05- 29 17:43 شىنجاڭ گېزىتى

 ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى››ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ،

 مۇھەررىر ئىلاۋىسى: ‹‹1 – ئىيۇن›› بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى››دىكى بارلىق پىئونېرلار 5 – ئاينىڭ باشلىرىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەنگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ  قىزىل گالىستۇك روھىنىڭ تۈرتكىسىدە بەختلىك، خۇشال – خۇرام ئۆگىنىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغانىدى، 23 – ماي ۋاڭ لېچۈەن بالىلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارغا ھەم ئۇلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 850 مىڭ پىئونېرغا بايراملىق سالام يوللىدى. ۋاڭ لېچۈەن ئاپتونوم رايوندىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى شەرەپلىك قىزىل گالىستۇك روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى››دىكى ساۋاقداشلارغا يازغان جاۋاب خېتى

    ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى››دىكى بارلىق پىئونېرلار، ساۋاقداشلار:

     ياخشىمۇ سىلەر! ‹‹1 – ئىيۇن›› خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، سىلەرنىڭ قىزغىن ھېسسىياتىڭلار ئىپادىلەنگەن خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. مەن سىلەرگە ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بايراملىق سالام يوللايمەن!

     خېتىڭلاردىن ‹‹قىزىل گالىستۇكلۇقلار باشلانغۇچ مەكتىپى››نىڭ ئۇزاق تارىخ ۋە شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئىكەنلىكىنى، مەكتەپ قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹مەن قىزىل گالىستۇكنى شەرەپ بىلىمەن،  قىزىل گالىستۇك مېنى شەرەپ بىلىدۇ››، دەيدىغان مەكتەپ روھىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قىزىل گالىستۇك روھىنىڭ ئىلھامى ۋە يېتەكلىشى نەتىجىسىدە، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ يۇقىرى ئۆرلەپ، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشىپ، بىر قاتار شەرەپلىك ناملارنى قولغا كەلتۈرۈپ، روشەن خاسلىققا ئىگە مەكتەپ ئىستىلى، مەكتەپ قىياپىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىدىن؛ تۈركۈملىگەن ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بۇ يەردە تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خۇشال – خۇرام ياشاۋاتقانلىقىدىن ۋە ساغلام يېتىلىۋاتقانلىقىدىن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق  قىزىل گالىستۇكقا شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم. مەن سىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجەڭلاردىن سۆيۈنىمەن.

     ھازىر ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيى روھىنىڭ ئىلھامى بىلەن تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. ئۇلۇغ نىشان كىشىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ ئۇلۇغ ئىشلاردا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. ياشلار، ئۆسمۈرلەر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى. سىلەرنىڭ شەرەپلىك قىزىل گالىستۇك روھىغا تېخىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەلبىڭلارغا ئۇلۇغۋار غايە پۈكۈپ، يۈكسەك ئىرادە تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننى، خەلقنى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنى، گۈزەل شىنجاڭنى، ئىلىم – پەننى، ئەمگەكنى سۆيۈپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيىسىنى تۇرغۇزۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، شەرەپ – نومۇسنى بىلىپ، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؛ سىلەرنىڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، بەدەننى چېنىقتۇرۇپ، ئىرادىنى تاۋلاپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇپ، چوڭ بولغاندا شىنجاڭنى، ۋەتەننى قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

     سىلەرنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىشىڭلارغا، تۇرمۇشىڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، ساغلام، خۇشال – خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارغا سەمىمىي تىلەكداشمەن!

 ۋاڭ لېچۈەن 

 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 23 – كۈنى  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ