|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 28 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ 28 – ماي چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋۇ بوشيۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خۇ جىنتاۋ ئالدى بىلەن ۋۇ بوشيۇڭنىڭ ئۆمەك باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس ۋۇ بوشيۇڭنىڭ تۇنجى قېتىم گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسىلىك سالاھىيىتى بىلەن ئۆمەك باشلاپ زىيارەتكە كەلگەنلىكى يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتىدىكى چوڭ ئىش. بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئىلگىرىكى ئالاقە ۋە سۆزلىشىش ئاساسىدا، يېڭى ۋەزىيەتتە دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ راۋاجلىنىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ۋۇ بوشيۇڭ جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلاردىكى قېرىنداشلاردىن ھال سورىدى. ئۇ: دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە مەنسۇپ، گومىنداڭ پارتىيىسى ۋە تەيۋەننىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە پائال ياردەملىشىدۇ، دېدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ھازىر چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى، خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. يەر تەۋرىگەن كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى دەرھال ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. تەيۋەن جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق بىلدۈردى، مەردانىلىك بىلەن ياردەم ۋە مەدەت بەردى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مېھىر – شەپقىتى ۋە ھەرىكىتى ھەممىمىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. مەن چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قېرىنداشلار، بولۇپمۇ ئاپەت رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ۋاكالىتەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. بىز بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە سىچۇەندىكى 2890 نەچچە تەيۋەنلىك قېرىنداشنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇپ، تەيۋەنگە تىنچ – ئامان قايتقانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، تەيۋەنلىك ئىككى قېرىنداشنىڭ بەختكە قارشى قازا قىلغانلىقىغا ناھايىتى ئېچىندۇق. مەن قازا قىلغان تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: ۋېنچۇەندىكى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش بىزگە غايەت زور ئازاب ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇردى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ئىپادىلىگەن قېرىنداشلىق مېھىر – مۇھەببىتىنى ئالاھىدە قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىشىدە مەنىۋى كۈچ بولۇپلا قالماي، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بىر – بىرىگە يۆلەك بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىدىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغۇسى.
ۋۇ بوشيۇڭ مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىدى، ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئىجادىي ھەمكارلىشىش پەيتى يېتىپ كەلدى، تەيۋەنلىكلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرىكىدەكلا داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچى. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئاساسىدا، ئىختىلاپنى قايرىپ قويۇپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىشنى كۆزلىشىنى، ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا كۆپ يىل بولغان ئىككى قىرغاقتىكىلەر كېڭىشىشىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، 7 – ئايدا ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا ھەپتە ئاخىرى ئايروپىلان ھۆددە ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشنى، چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىسىنىڭ تەيۋەنگە ساياھەتكە بېرىشىنى ھەم تەيۋەننىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر، بولۇپمۇ كىچىك دوستلار ياخشى كۆرىدىغان مۈشۈك ئېيىقنىڭ تەيۋەنگە تېزرەك كېلىشىنى، دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقىنى مۇۋاپىق پەيتتە تەيۋەنگە زىيارەتكە تەكلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ جىنتاۋ ۋۇ بوشيۇڭنىڭ كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ئالاقىسى، سۆھبىتى ۋە ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى؛ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئورتاق غايىسى›› يېتەكچىلىكىدىكى ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى››غا قارشى تۇرۇپ، ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى››دا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ راۋاجلاندۇرۇش مەيدانى ۋە تەشەببۇسىنى تەيۋەندىكى كۆپ سانلىق ئامما مۇئەييەنلەشتۈردى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ كېڭىشىشى، سۆھبىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ھەم ئەمەلىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى ۋە راۋاجلانغانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى. بىز ‹‹92 – يىل ئورتاق قارىشى›› ئاساسىدا دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكىلەر مۇناسىۋىتى جەمئىيىتى ۋە دېڭىز بوغۇزى ئالاقىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىسى، كېڭىشىشىنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىمىز كېرەك. ئىككى جەمئىيەت كېڭىشىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ھازىرقى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا ھەپتە ئاخىرى ئايروپىلان ھۆددە ئېلىش، چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىسى تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىدىغانلا بولسا، بۇ ئىككى ئىشنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تامامەن ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
ۋۇ بوشيۇڭ مۇنداق دېدى: تەيۋەندىكى بەزى كىشىلەر ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن گۇمانلىنىۋاتىدۇ، گومىنداڭ پارتىيىسىمۇ تەيۋەن ئاھالىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش مەسىلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، بىراق گومىنداڭ پارتىيىسى بەزىلەرنىڭ ‹‹تەيۋەن ئېڭى››نى ‹‹تەيۋەن مۇستەقىللىقى ئېڭى››غا بۇرمىلىشىغا قارشى. ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ ئالاقىنى كېڭەيتىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئىجابىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، تەيۋەندىكى بەزى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى تۈگىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
خۇ جىنتاۋ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: تەيۋەندىكى بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە ساقلانغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە ئەندىشىلىرىنى قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ئاساسىدا چۈشىنىمىز ھەم ئۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن پائال تەدبىر قوللىنىمىز.
ۋۇ بوشيۇڭ مۇنداق دېدى: گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقە ۋە سۆزلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت مۇنبىرى ياكى تىنچلىق مۇنبىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى بويىچە داۋاملىق ئالاقىلىشىپ، ئىككى پارتىيىنىڭ ئالاقىلىشىش سەھنىسىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشى، ئۈنۈمىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
خۇ جىنتاۋ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: 2005 – يىلىدىن بۇيان، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ مۇنبەر ئۆتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىشلىرى بويىچە ئالاقىلىشىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، بۇ ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى. يېڭى ۋەزىيەتتە كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئالاقىلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئالاقىلىشىش سەھنىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت – سائادىتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
سۆھبەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن، خۇ جىنتاۋ ۋۇ بوشيۇڭ ۋە زىيارەت ئۆمىكىدىكى ئاساسلىق ئەزالارنى زىياپەتكە تەكلىپ قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ چىشەن، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لىڭ جىخۇا، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى چېن يۈنلىنلەر سۆھبەتكە قاتناشتى.
|