|
يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 2008 – يىللىق تەكلىماكاننى ئايلىنىش جۇڭگو دالا ئاپتوموبىلى مۇسابىقىسىدە تەڭرىتاغ تورى ‹‹ئەڭ ياخشى ئاخبارات مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى .
جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش دالا ئاپتوموبىلى ، دالا موتسىكلىتى مۇسابىقىسى يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىكەن . 2008 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مۇسابىقە بولۇپ ، ئاسىيا رايونىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئادەم ۋە ئاپتوموبىل سانى ئەڭ كۆپ ، مۇكاپات سوممىسى ئەڭ يۇقىرى، لىنىيىسى ئەڭ ئۇزۇن ، ئەڭ جاپالىق مۇسابىقە ھېسابلىنىدىكەن .
تەڭرىتاغ تور پونكىتى بۇ مۇسابىقىگە مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىپ ، ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە ‹‹2008 –يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ تەكلىماكاننى ئايلىنىش دالا ئاپتوموبىلى ، دالا موتسىكلىتى مۇسابىقىسى ›› تېمىسىدىكى مەخسۇس سەھىپە ئىشلەپ ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئەتراپلىق ، تەپسىلىي ، سىستېملىق خەۋەر قىلىپ ، كەڭ تور ئابوتچىلىرىنى مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ۋە ئۇچۇرلاردىن ۋاقتىدا خەۋدار قىلىپ ، كەڭ تور ئابونتچىلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .
|