باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەشقەر ‹‹ قۇياش نۇرى ›› زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇرۇلدى
2008- 05- 28 17:43 تەڭرىتاغ تورى

سۈرەتتە : رەھبەرلەر لېنتا كەستى

     ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن، مەرھابا ئېزىز خەۋىرى ، فوتوسى : 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى  قەشقەر ‹‹  قۇياش نۇرى ›› زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىدا قۇرۇلدى. قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئابدۇقېيۇم مۇھەممەت ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي كوممىسار رىن جېيەلىڭ قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.
      قەشقەر ‹‹ قۇياش نۇرى ›› زەھەر تاشلىتىپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئاپتونوم رايونلۇق زەھەر تاشلىتىش كومېتىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئىدارسى تەستىقلىغان زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، پىسخىك داۋالاش ، كەسپىي تەربىيلەش ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ئورۇن . بۇ مەركەز ئاساسلىقى زەھەر تاشلىغۇچىلارنىڭ ئىرادىسىنى مۇستەھكەملەش، ناچار پىسخىك ھالەتلىرىنى تۈگىتىش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيلەش، جەمئىيەتكە ماسلىشىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان ، قارمىقىدا داۋالاش، زەھەر تاشلىتىش رايونى ، پىسخىك جەھەتتىن داۋالاش رايونى، زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونى، كۆڭۈل ئېچىش ، بەدەن چېنىقتۇرۇش رايونى ، ئەمگەك قىلىش رايونىدىن ئىبارەت بەش رايوندىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ھەر خىل زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنلىرى سەپلەنگەن.
      مۇراسىمدا ئابدۇقېيۇم مۇھەممەت مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى : نۆۋەتتە ، زەھەر چەكلەش كۈرىشىنىڭ چۇڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورۇنلىرى زەھەر چەكلەش خىزمىتىنىڭ ‹‹ ئاساسىي جەڭ مەيدانى›› غا ئايلىنىۋاتىدۇ . ئەمگەك بىلەن تەربىيلەپ ، زەھەر تاشلىتىش خىزمىتى بولسا ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورۇنلىرىغا يۈكلەنگەن بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت . مەن ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش سېپىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ ، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەپ ، زەھەر تاشلىتىشنىڭ ئورۇن ، قوشۇن ، تېخنىكا ۋە زەھەر تاشلىتىش ئەندىزىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكىنى ئۈنۈملۈك جارىي قىلدۇرۇپ ، باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ ، پىسخىك داۋالاش خادىملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ ، زەھەر تاشلىتىپ ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنايى ھەركەتلەرنى ئازايتىش خىزمىتىگە ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
      مۇراسىم ئاخىرىدا قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيلەش ئورنىدا زەھەر تاشلاۋاتقانلار ۋەكىلى مىرئادىل نۇر ئۆزىنىڭ زەھەر تاشلاپ ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا پەرۋىش خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ،زەھەرنى تەلتۆكۈس تاشلىغاندىن كېيىن دۇرۇس ئادەم بولۇپ ، پەرۋىش خادىملىرى ، ئاتا- ئانىسى ، ۋە جەمئىيەتكە ياخشى جاۋاپ قايتۇردىغانلىقىنى بىلدۈردى.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ