|
ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى نامزاتلىرى مۇشۇ ئاينىڭ 5- كۈنى شىنجاڭ گېزىتى، تەڭرىتاغ تورى، شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆز قەلبىدىكى ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، مۇشۇ ئاينىڭ 20- كۈنى كەچ سائەت 12گىچە يەنى بىلەت تاشلاش ئاخىرلاشقىچە بولغان ۋاقىتقىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى سايلام بىلىتىدىن 3 مىليون 677 مىڭ 811نى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خەت يېزىش ئارقىلىق تاشلانغان بىلەت 2 مىليون 851 مىڭ 323كە، توردا تاشلانغان بىلەت 826 مىڭ 488كە يەتكەن. ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار، ھەر قايسى ساھەلەر، ھەربىي رايون، قوراللىق ساقچى قىسىملار باھالاش پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلاردىن ئۆگەندى. ئاممىنىڭ بىلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ۋە چوڭ تىپتىكى تەشۋىقات- ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش تەشكىلىي كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەقدىرلىنىدىغان 20 نەپەر ئەخلاق نەمۇنىچىسى تىزىملىكىنى تەكلىپ تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويدى. باھالاش- تەقدىرلەش پائالىيىتىنى يولغا قويۇش لايىھىسىگە ئاساسەن، 2007- يىلى مەملىكەت بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالانغان ليۇ يۈلىيەن، غېنى جۈمە ۋە مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن جۇاڭ شىخۇا، ئابلىز نۇرەك، ۋاڭ جيەنجىن، لىن جىنچاڭ، ئىبراھىم سەيپۇل، گۇڭ لىخۈي، مېي لىيەن، ۋېن شۇۋگو قاتارلىق 10 كىشى ئاپتونوم رايون بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى قىلىپ بېكىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 6- ئاينىڭ باشلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تەقدىرلەش مۇراسىمىدا، تۇنجى نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىلىرى تەقدىرلىنىدۇ.
|