باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان كۈچلۈك دەۋر ساداسى
2008- 05- 28 11:03 شىنجاڭ گېزىتى

— ئاپتونوم رايون بويىچە‹‹قوشتىل››مائارىپىدىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش–پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى توغرىسىدا

 ج ك پ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومىتېتى

     ئاپتونوم رايون  14 – ماي شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا تۇنجى مەيدان ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دوكلات ئۆمىكى  ئەزالىرى بەرگەن دوكلات جانلىق، تەسىرلىك بولۇپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.

     ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

     (1) ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى  ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت نامايەندىسى. پارتىيىمىز ۋە دۆلىتىمىز مىللەتلەر باراۋەر بولۇش شۇنداقلا مىللىي تىل – يېزىقلارمۇ باراۋەر بولۇش سىياسىتىنى ئىزچىل يولغا قويۇپ كەلدى. بارلىق مىللەتلەر ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ھوقۇقىغا ئىگە، ئوخشاش بولمىغان مىللىي تىلنىڭ ئورنى باراۋەر، ئەمما شۇنىمۇكۆرۈشىمىز كېرەككى، مىللىي تىللارنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى رولىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوخشاشمىغان تىلنىڭ ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي ئىقتىدارغا  ئىگە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. ئۇزاقتىن بۇيان ئىجتىمائىي، تارىخ، تەبىئىي شارائىت ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئامىلنىڭ چەكلىشى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى  ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنىلا قوللىنىپ كەلمەكتە. بۇ شىنجاڭغا ئوخشاش كۆپ مىللەت بىللە ياشايدىغان، كۆپ  تىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا، ھازىرقىدەك بازارلىشىش، ئۇچۇرلىشىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان  زامانىۋى  جەمئىيەتتە  مىللەتلەر ئارا پسىخىك بېكىنمىلىك، ئۇچۇر قىس بولۇش، قاراش كونا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، قوش تىلدا ئالاقىلىشەلمەيدىغان ئاممىنىڭ  ئوبيېكتىپ جەھەتتە تىل، مىللەت، رايون  چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمەي، قابىلىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە نامايان قىلالماي، باراۋەر ياشاش، تىرىكچىلىك قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، ئىجتىمائىي رىقابەتتە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ ئادىللىقى – ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ مۇھىم ئاساسى شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەنپەئەت مەسىلىسى. شۇڭا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ماھىيەتتە مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مائارىپ ئىسلاھاتى بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى تەربىيىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى باراۋەر  رىقابەتلىشىش، بىلىم ئارقىلىق تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىگە،  تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە ئېرىشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ  باراۋەرلىكى  ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

     (2) ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيىلىك تەدبىر. ھازىرقى دەۋردە خەنزۇ تىلى  ئېلىمىزدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل شۇنداقلا ھەر مىللەت خەلقى ئۆزئارا ئالاقە قىلىشىدىغان ئاساسىي تىل، ئېلىمىزنىڭ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاساسىي ۋاسىتىسى خەنزۇ تىلى، خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت بىلىم ئېلىش، ئۇچۇر يەتكۈزۈش قورالىنى ئىگىلەش  بىلىم، ئۇچۇرغا ئېرىشىش كۆۋرۈكى سالغانغا باراۋەر. ئىقتىساد  دۇنياۋىلىشىۋاتقان، پەن – تېخنىكا  ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، بىلىم كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خەنزۇ تىلى ئۆگەنمەي تۇرۇپ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەنگىلى، چەت ئەل تىلى ئۆگەنمەي تۇرۇپ دۇنياغا يۈزلەنگىلى بولمايدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتقا ئايلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال دۆلەت تىلىدىن پايدىلانغاندىلا،  تېخىمۇ كۆپ ئىلغار ئىلىم – پەن بىلىملىرى ۋە زامانىۋى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ،  باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىساد، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقنى كىچىكلىتەلەيدۇ. ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى ۋە ئاساس مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويغاندىلا، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئاساسى ئاجىز، تەرەققىياتى ئارقىدا قېلىش ھالىتىنى تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرگىلى؛ ئىشلەتكىلى، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان مىللىيچىنىمۇ،  خەنزۇچىنىمۇ بىلىدىغان  ‹‹قوش تىل ئىختىساسلىقلىرى›› نى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى پۇختا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.

     (3)‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش – مىللەتلەر ئارا ئالاقە قىلىش ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى. مىللەتلەر ئارا ئۇچرىشىش، چۈشىنىش ئالدى بىلەن ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشتىن باشلىنىدۇ. تىلدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاساسلىق قورال بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ ئىدىيە، روھىي، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ تىلدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي قورالدىن ئايرىلغاندا، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىپ، بىر – بىرىنى قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلىدىن ئىبارەت بۇ ئۇنىۋېرسال تىل – يېزىق ئارقىلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى ئالاقىسى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ قويۇق دوستلۇق ۋە مۇھەببەت ئورنىتىپ، باراۋەر، ئىتتىپاق بولغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان،  ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، چېگرا رايوندىكى مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ،  مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

     (4) ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش قارىشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم يولى. مەدەنىيەت  مىللەتنىڭ جېنى، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى ئىگىلەش ئاساسىدا خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئىگىلىگەندە، ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللەت چۈشەنچىسى ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۆز مىللىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلالايدۇ، ئۇنى ساقلاپ قالالايدۇ، ئەۋج ئالدۇرالايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا، رايونلار ئارا ئالاقىنى پائال كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ تولۇق ئۆگىنىپ ۋە ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش قارىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىم مەدەنىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىپ، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹<قوش تىل< ئوقۇتۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارار›› ىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتى پائال ئالغا سۈرۈلدى.  2007 – يىلىغىچە، شەھەر بويىچە مىللىي تىل سىستېمىسىدىكى يەسلىنىڭ ھەممىسى مىللىي – خەنزۇ ئارىلاش يەسلىگە ئۆزگەرتىلدى؛ باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 390 ‹‹قوش تىل›› سىنىپى تەسىس قىلىندى، ئوقۇغۇچىسى 13 مىڭ 432 گە يەتكۈزۈلدى، بۇ شەھىرىمىزدىكى مىللىي تىل سىستېمىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ئومۇمىي سانىنىڭ %67.8 ىنى ئىگىلىدى؛ مىللىي تىل سىستېمىسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 129 ‹‹قوش تىل›› سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىسى 4669 غا، قاپلاش دائىرىسى %60 كە يەتكۈزۈلدى، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، ئۇچۇر تېخنىكىسى، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىنىڭ ھەممىسى ‹‹قوش تىل›› دا ئۆتۈلىدىغان بولدى؛ مىللىي تىل سىستېمىسىدىكى تۆت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدىن 31 ى تەسىس قىلىنىپ، قاپلاش دائىرىسى %20.6 كە يەتكۈزۈلدى، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە، فىزىكا ۋە خىمىيە دەرسلىرى ‹‹قوش تىل›› دا ئۆتۈلىدىغان بولدى. ھازىر ئۈرۈمچىدىكى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 3900 غا يەتتى. بۇ يىل رايون ئىچى تولۇقسىز سىنىپىدىن تۇنجى نۆۋەتتە 294 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ 268 ى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %91.2 كە يەتكۈزۈلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ھازىر شەھەرلىك 11 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

     بۇ قېتىم ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىدىكى ئىلغارلارنىڭ ئىش – پائالىيەتلەردىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاممىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم قوزغاپ، 26 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىگە يېڭى مەزمۇن قوشتى، بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتە پائال ھەم چوڭقۇر تەسىر قوزغىغۇسى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ