|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 27 – ماي چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا كورىيە زۇڭتۇڭى لى ميۇڭباك بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇلار ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى ۋە كەلگۈسى تەلىپىگە ماسلىشىپ، جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو – كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشقا بىردەك قوشۇلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 16 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلمىدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشەنچ كۈچەيدى. ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى يىلسېرى ئاشتى. جۇڭگو كورىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى ۋە ئەڭ چوڭ ئىمپورت مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ گۇمانىتارلىق ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئىككى تەرەپ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىمۇ ياخشى ھەمكارلاشتى. جۇڭگو – كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئۆز رايونى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق.

لى ميۇڭباك ئالدى بىلەن سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارغا يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقتىن ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقى چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇرت – ماكانىنى بۇرۇنراق قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ ھەم بېيجىڭ ئو ت م نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى، ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ۋە ھەرقايسى دەرىجىدىكىلەر دائىم ئالاقىلىشىپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش مېخانىزملىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇلارنى ماسلاشتۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ‹‹جۇڭگو – كورىيە ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات پىلانى››نى تەڭشەپ ۋە تولۇقلاپ، ئىقتىساد – سودا، مەبلەغ سېلىش، مۇھىت ئاسراش، ئەشيا ئوبوروتى، ئالاقىچىلىك، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇساپىسىنى پائال مۇھاكىمە قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ قويۇق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، گۇمانىتارلىق ئالاقىسىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دوستلۇق ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتتىكى ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگو – كورىيە دوستلۇق ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جەڭگىۋار قوشۇن يېتىشتۈرۈپ چىقىشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ ئالاقىسى ئۈچۈن تېخىمۇ قۇلاي شارائىت يارىتىشى كېرەك. تۆتىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ شەرقىي – شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، رايون ۋە ئىككىنچى رايون، ب د ت ئىسلاھاتى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق چوڭ مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇنى جۇڭگو بىلەن كورىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە تىرىكى قىلىشى كېرەك.
لى ميۇڭباك مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت كورىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ مەركەزلىرىنىڭ بىرى. كورىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ كورىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشىگە قوشۇلۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەردى. كورىيە ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قاتلاملار بويىچە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىسىدىكى ماسلىشىشى، ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خادىملار ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، بولۇپمۇ ياشلار – ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، ئالاقىچىلىك، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، پەن – تېخنىكا، يېڭى ئېنېرگىيىدىن ئېچىپ پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقنى پائال چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كورىيىگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، كورىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لى ميۇڭباك مۇنداق تەكىتلىدى: كورىيە جۇڭگونىڭ ھەقىقىي ھەمراھى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كۈنسېرى بېيىتىش، شەرقىي – شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
خۇ جىنتاۋ يېرىم ئارال ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹19 – سېنتەبىر›› ئورتاق باياناتىدا بېكىتىلگەن نىشانلارغا تەدرىجىي يېتىش ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، 2 – باسقۇچلۇق ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارالنى يادرو قورالىدىن خالىيلەشتۈرۈش نىشانىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو يېرىم ئارالنىڭ يېقىن قوشنىسى ۋە كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستى بولۇش سۈپىتىدە، كورىيە بىلەن چاۋشيەننىڭ يارىشىش، ھەمكارلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللاپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە شەرقىي – شىمالىي ئاسىيانىڭ ئەبەدىلئەبەد ئەمىنلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
لى ميۇڭباك مۇنداق دېدى: ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە ھەرقايسى تەرەپنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگونىڭ رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە 2 – باسقۇچلۇق ھەرىكەتنى تاماملاش ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىمالى بولغان 3 – باسقۇچلۇق ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشتا داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كورىيە بۇ ھەقتە جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئەدلىيە، پەن – تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىقلار توغرىسىدىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، رەئىس خۇ جىنتاۋ ‹‹خەلق›› سارىيىنىڭ شەرقىي ئىشىكى ئالدىدىكى مەيداندا لى ميۇڭباك زۇڭتۇڭنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ رەپىقىسى ليۇ يۇڭچىڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن چاڭجى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى دەي بىڭگو، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ مېڭفۇ، جۇڭگو دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ زوشۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياڭ جيېچى، مائارىپ مىنىستىرى جۇ جى، پەن – تېخنىكا مىنىستىرى ۋەن گاڭ، سودا مىنىستىرى چېن دېمىڭ، جۇڭگونىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىڭ فۇكۈي قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

شۇ كۈنى كەچتە خۇ جىنتاۋ بىلەن لى ميۇڭباك يەنە كورىيىنىڭ سىچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىغا بارغان قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باشلىقى كىم يوڭسېئوك ۋە جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان كورىيىلىك ئوقۇغۇچى، بېيجىڭ ئو ت م دىكى كورىيىلىك پىدائىيلارنىڭ ۋەكىلى كىم جېنخو بىلەن كۆرۈشتى. خۇ جىنتاۋ كورىيىنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى بولغاندىن كېيىن جۇڭگوغا چوڭقۇر ھېسىداشلىق قىلغانلىقى ھەم قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، شۇنىڭدەك بېيجىڭ ئو ت م نى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلقى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغاندا، كورىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ۋاقتىدا ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلاندۇردى. كورىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتى جاپادىن، خەۋپ – خەتەردىن قورقمىدى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى. مەن جۇڭگو خەلقىگە، بولۇپمۇ ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.
|