باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
8 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى
2008- 05- 28 10:00 تەڭرىتاغ تورى

باشلىنىش مۇراسىمىدا بارلىق قاتناشقۇچىلار بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ ، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈردى

      8 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى 27 – ماي چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى .

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ئەزىز قېيۇمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىلەرگە سېلىشتۇرۇغاندا كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق كۆرگەزمە بولۇپ ، كۆرگەزمىگە 13 دۆلەت ۋە رايون، 26 ئۆلكە(شەھەر ، ئاپتونوم رايون) دىن كەلگەن 423 كارخانا ھەمدە جۇڭگودىكى 100 كۈچلۈك يېزا ئىگىلىك كارخانىسى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان 73 كارخانا قاتناشقان بولۇپ ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 16مىڭ كوۋادراتمېتىر كېلىدىكەن .  

كۆرگەزمىدە ، كارخانا بىلەن خېرىدار سۆھبەتلەشمەكتە

     ئىگىلىنىشچە ، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىش مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان . بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ ، كۆرگەزمىگە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىلغار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى ، يېزا ئىگىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى، ئۈسكۈنىلەر ۋە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قۇيۇلغان .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ