باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئالاھىدە نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا مەدەت بېرەيلى
2008- 05- 27 15:07 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

    سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە ئاز كۆرۈلىدىغان كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تاغنى تالغان ، چۆلنى بوستان قىلغۇدەك يۈكسەك شىجائەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھايات - ماماتلىق قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى، يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالغان مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرى، كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان ، ھاياجانغا سالىدىغان خالس ياردەملەر جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قايغۇ - ئەلەم ۋە ۋە بالايى - ئاپەت ئالدىدا ، ئىگىلمەس - سۇنماس قەتئىي ئىرادىسى ۋە چەكسىز كۈچ - قۇدرىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى زور قايغۇ - ئەلەم ۋە ئازاب - ئۇقۇبەتكە بەرداشلىق بېرىپ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قوللىرىنى سۇنۇپ، ئۇلارغا چوڭقۇر دوستلۇق مېھر - مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى، پۇلى بارلار پۇل ئىئانە قىلدى، ماددىي بۇيۇملىرى بارلار ماددىي بۇيۇملىرىنى ئىئانە قىلدى ، بەزىلەر 3، 4 قېتىم پۇل ئىئانە قىلدى، بۇ قېتىم ئاپەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، خالس تۆھپە قوشۇش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
      مۇشۇ ئاينىڭ 23 - كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ بېيچۈەنگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىدىن ھال سورىدى ھەمدە ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ قەتئىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بىز بېشىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، قەددىمىزنى رۇسلاپ ، گۈزەل كەلگۈسىگە يۈرۈش قىلىشىمىز كېرەك. كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە يېرىم ئاي بولۇپ دەپ قالدى، بىز كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ زور قايغۇ - ھەسرىتىنى قۇدرەتلىك كۈچ ۋە قەيسىرانە ئىرادىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، خىزمەتتە ئالاھىدە نەتىجە يارىتىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مول نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى يۆلىشىمىز كېرەك.

      نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپەت ئۇچرىغان رايونلارغا ياردەم بېرىشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇردى ھەمدە داۋالاش ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، تېلېگراف تارماقلىرىنىڭ جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتىنى ئاپەت رايونلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز ھەم ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار ئۈچۈن كۈچلۈك ئارقا سەپ، ھەم چەتئەل ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ، يەتكۈزدىغان ئۆتەڭ بېكەت بولغاچقا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاپەت رايونىغا ياردەم قولىمىزنى سۇنۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىك قاتتىق قايغۇردى، بىز روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلقنىڭ يۇرت - ماكانىنى قايتىدىن قۇرۇشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ بېرىشىمىز كېرەك، داۋاملىق پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن خىزمەتلەرنى تىرىشىپ، ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا جىددىي كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملارنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپچىقىرىشىمىز كېرەك؛ پەقەت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قايغۇ - ئەلەمنى غايەت زور قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۆز خىزمەت ئورنىمىزدا ئالاھىدە نەتىجە ياراتقاندىلا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە تۈرلۈك ئىشلىرى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان ئولىمپىك مەشئىلىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىكى مول نەتىجىلىرىمىز بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا مەدەت بېرىپ، ۋەتەنگە ياخشى جاۋاب قايتۇرالايمىز.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ