|

ئامېرىكا دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ 25 – ماي تونۇشتۇرۇشىچە ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شىمالىي قىسىمىدىكى مىننېسوتا شىتاتى بىلەن لوۋا شىتاتىدىكى بىر قىسىم رايونلار 25 – ماي قارا قۇيۇننىڭ ھوجۇمىغا ئۇچرىغان . بۇ قېتىمقى قارا قۇيۇن ئاپىتىدە مىننېسوتا شىتاتىنىڭ خۇگو شەھىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ، 2 ياشلىق بىر بوۋاق قازا قىلغان ، ئاز دېگەندە 20 ئادەمنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان . لوۋا شىتاتىدا ئاز دېگەندە 7 ئادەم قازا قىلغان ، 50 دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان .

قارا قۇيۇندا ۋەيران بولغان ئۆيلەر
|