|
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن بارلىق نەتىجىلىرىمىز ۋە ئىلگىرىلىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب، دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە مۇشۇ يول ۋە مۇشۇ نەزەرىيە سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم›› دەپ كۆرسەتتى. بۇ ئىلمىي ھۆكۈم پارتىيىمىزنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان بىلىشىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقانلىقى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلگە، يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ يەكۈنى ۋە نەتىجىسى.
ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزدە ۋە دۇنيادا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. دۆلەتلەر ئارا ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىسلاھات يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، رىقابەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. ئېلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان سوتسىيالىستىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا جەھەتتىكى كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچراش بىلەن بىللە، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. كۈنسايىن ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئېلىمىزدە يۈز بەرگەن كەڭ ۋە چوڭقۇر ئۆزگىرىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى شەكىللىنىشىنىڭ ئەمەلىي ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيىسى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئېلىمىز ۋە باشقا ئەللەرنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلىرىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، ئۇنىڭدىكى قانۇنىيەتلىك بىلىشنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئىدىيىۋى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساس قىلغانلىقىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بۈگۈنكى دۇنيا ۋە جۇڭگودا يۈز بېرىۋاتقان تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىگە قويغان يېڭى تەلىپىنى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئىرادىسىنى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يارىتىلغان يېڭى نەزەرىيىنىڭ ئەمەلىي ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرگەن بولۇپ، پارتىيىمىزنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي، سىياسى، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتلىك بىلىشنى ئەتراپلىق، چوڭقۇر، توغرا ئىگىلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى بىر يۈرۈش يېڭى، مۇھىم نەزەرىيىۋى قاراش، زور ئىستراتېگىيىلىك ئىدىيىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، يېڭى تارىخىي دەۋردە سوتسىيالىزم دېگەن نېمە؟ سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ قانداق پارتىيە قۇرۇش، پارتىيىنى قانداق قۇرۇش كېرەك؟ قانداق تەرەققىي قىلىش، قانداق تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟ دېگەن بىر مۇنچە مۇھىم، زور نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرگە سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋى لۇشيەنى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى ۋە تۈپ ۋەزىپىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى توغرىسىدا. ئېلىمىزنىڭ يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى قالاق، تاۋار ئىگىلىكى تەرەققىي قىلمىغان ئەلدە سوتسىيالىزم قۇرۇشتا ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان ئالاھىدە باسقۇچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تۈرلۈك لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەرنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش، تەدبىر بەلگىلەشتە ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈش، دۆلەت ئەھۋالىنى ئاساس قىلىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلماسلىقنى چوڭقۇر، مۇپەسسەل شەرھلەپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات باسقۇچى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قارىشى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە پارتىيىمىز قەدەمنى دادىل تاشلاش، سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىش، توغرا ئىشلارنى دادىللىق بىلەن سىناق قىلىش ۋە دادىللىق بىلەن يول ئېچىشنىڭ مۇھىملىقىنى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىر مەيدان يېڭى، چوڭقۇر ئىنقىلاب ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر يول ۋە تاللاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. چۈنكى دادىل بولمىغاندا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىمىگەندە، چىقىش يولى تاپقىلى بولمايدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر ئالدىنقى شەرتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتا ھەرقايسى ئەل خەلقى ياراتقان ئىلغار مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرى، ئىلمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى. بازارنىڭ كۆپرەك ياكى پىلاننىڭ كۆپرەك بولۇشى سوتسىيالىزم بىلەن كاپىتالىزمنى پەرقلەندۈرۈشتىكى ماھىيەتلىك بەلگە ئەمەس. پىلانلىق ئىگىلىك سوتسىيالىزمغىلا تەۋە ئەمەس، كاپىتالىزمدىمۇ پىلان بولىدۇ؛ بازار ئىگىلىكى كاپىتالىزمغىلا تەۋە بولماستىن، سوتسىيالىزمدىمۇ بازار بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پىلان ۋە بازارنىڭ ئىقتىسادىي ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان، قانۇن – تۈزۈملەشكەن زامانىۋى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بازارنىڭ تەلەپ بىلەن تەمىنلەش، بايلىقنى ئەلا تەقسىملەشتىكى پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىساد تەلىماتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى قاراش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، ئېكسپىلاتاتسىيىنى يوقىتىش ۋە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى تۈگىتىش، ئاخىرىدا ئورتاق بېيىش مەقسىتىگە يېتىش سوتسىيالىزمنىڭ تۈپ ماھىيىتى، دەپ كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىش، سوتسىيالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا، سوتسىيالىستىك دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچىنىڭ ئېشىشىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشنى بارلىق خىزمەتنى ئۆلچەشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىشنى تەكىتلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىلمىي سوتسىيالىزم توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى توغرىسىدىكى قاراش. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنى قەتئىي تەۋرەنمەي مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئۇنى قوللىدى ۋە يېتەكلىدى؛ ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش شارائىتىنى ياخشىلاپ، تۈزۈلمە توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، باراۋەر رىقابەتلىشىدىغان، ئۆز ئارا تۈرتكە بولىدىغان مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى. تەرەققىيات چىڭ قائىدە، تەرەققىيات پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى بىرىنچى ۋەزىپىسى ۋە بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشىنىڭ ئاچقۇچى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەرەققىياتتا ئادەمنى ئاساس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات مېۋىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىمەن قىلىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىزم جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قارىشى. جەمئىيەتنىڭ ئىناق بولۇشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى دېموكراتىك، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان، ئادىل، ھەققانىي، سەمىمىي، دوستانە، ھاياتىي كۈچكە تولغان، تىنچ، تەرتىپلىك، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتىدىغان، ئومۇمىي تەلەپ ۋە ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش پرىنسىپى بويىچە ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرىدىغان، تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت قۇرۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قارىشى. خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىنىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، خەلق دېموكراتىيىسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پارتىيە رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم سىياسى تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىيە تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىيە شەكلىنى بېيىتىپ، دېموكراتىيە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيىنىڭ تۈزۈملىشىش، قېلىپلىشىش، تەرتىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، ئىشتىراك قىلىش ھوقۇقى، بايان قىلىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئاھالىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغان باي، دېموكراتىك، قۇدرەتلىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ دېموكراتىك سىياسى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
سوتسىيالىزمنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى قارىشى. جۇڭگوچە نەزەرىيە سىستېمىسى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىدە يۈكسەك ماددىي مەدەنىيلىك بولۇش بىلەن بىللە، يۈكسەك مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭمۇ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچى ئورنىدا باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى ئارقىلىق كۆپ خىللاشقان ئىجتىمائىي ئىدىيىۋى ئېقىمنى يېتەكلەپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ بۈيۈك تەرەققىياتى، بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، مىللىي، ئىلمىي، ئاممىۋى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركسىزمنىڭ سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى نەزەرىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
ماركسىزملىق پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيىنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيىمىزنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى كېڭەيتىپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تۈپ مەقسىتى ۋە چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن خەلقنى تەڭ بەھرىمەن قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ قوللاش – قوللىماسلىقى، قوشۇلۇش – قوشۇلماسلىقى، رازى بولۇش – بولماسلىقىنى ھاكىمىيەتنى ئىلمىي يۈرگۈزۈش، دېموكراتىك يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلىپ، ئەمگەكنى قەدىرلەپ، بىلىمگە، ئىختىساسلىقلارغا، كەشپىياتقا ھۆرمەت قىلىپ، ماركسىزملىق پارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىنى بېيىتتى ۋە راۋاجلاندۇردى.
|