|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 25 – ماي تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابى بەرگەن ھوقۇققا بىنائەن 25 – ماي مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، 25 – ماي سائەت 12گىچە، سىچۈەن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە 62مىڭ 664 كىشى قازا قىلغان، 358مىڭ 816 كىشى يارىلانغان، 23مىڭ 775 كىشىنىڭ ئىز – دېرىكى بولمىغان. 25 – ماي سائەت 12گىچە، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن جەمئىي 29مىليارد 55مىليون يۈەن ئىئانە پۇل ۋە بۇيۇم قوبۇل قىلىنغان، ئاپەت رايونىغا جەمئىي 463مىڭ 140 چېدىر، 2مىليون 419مىڭ 347 يوتقان، 3مىليون 444مىڭ 526 قۇر كىيىم – كېچەك، 390مىڭ توننا يېقىلغۇ ماي، 800مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلغان.
باش شتاب ئۇرۇش قىلىش بۆلۈمىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 24 – ماي سائەت 24كىچە، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزغۇچىلار جەمئىي 638مىڭ 305 كىشىنى قۇتقۇزغان، يۆتكىگەن، خارابىلىكتىن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار 6537 كىشىگە يەتكەن.
سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 25 – ماي سائەت 12گىچە، يەر تەۋرەشتە يارىلانغان 82مىڭ 907 كىشى دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان، ئۇنىڭدىن 51مىڭ 826 كىشى دوختۇرخانىدىن چىققان، 3515 كىشى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان، 18مىڭ 27 كىشى داۋاملىق دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، 3149 كىشى سىچۇەندىن باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىۋېتىپتۇ.
جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 24 – ماي سائەت 12دىن 25 – ماي سائەت 12گىچە تۆت بالدىن يۇقىرى قالدۇق يەر تەۋرىمىگەن.
مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 25 – ماي سائەت 14كىچە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت 15مىليارد 140مىليون يۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتقان. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيىسىنىڭ سېلىنمىسى 11مىليارد 95مىليون يۈەنگە، يەرلىك مالىيىنىڭ 4مىليارد 45مىليون يۈەنگە يەتكەن.
دۆلەت ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 25 – ماي سائەت 12گىچە، سىچۇەننىڭ پەقەت بېيچۇەن ناھىيىسىدىلا توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىگە كەلمىگەن، لىشيەن ناھىيىسى قاتارلىق 12 ناھىيىدە توك بىلەن تەمىنلەش قىسمەن ئەسلىگە كەلگەن.
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكىنىڭ دوكلات قىلىشىچە، 25 – مايغىچە، ئالدىنقى باسقۇچتا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئالاقە راۋانلاشتۇرۇلغان 109 يېزا – بازارنىڭ 62سىدە كۆچمە تېلېفون، مۇقىم تېلېفون قاتارلىق جامائەت ئالاقىسى ئەسلىگە كېلىپ، يەر يۈزى، ھاۋا بوشلۇقى ئالاقىسى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
|