|

ئەسكەرلەر يارلانغانلارنى قۇتقۇزماقتا
شىنخۇا تورى چېڭدۇ 25 –ماي تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ چىڭچۈەن ناھىيىسى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابىدىن ئىگىلىشىچە ، 25 – ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دىن 21 مىنۇت ئۆتكەندە چىڭچۈەن ناھىيىسى (شىمالىي كەڭلىك 32.6 گرادۇس ، شەرقىي ئوزۇنلۇق 105.4 گرادۇس)دە 6.4 بال قالدۇق يەر تەۋرىگەن .
چىڭچۈەن ناھىيىلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ قېتىمقى قالدۇق يەر تەۋرەش چىڭچۈەننىڭ گۈەنيىندەن يېزىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ ، بۇ قېتىمقى كۈچلۈك قالدۇق يەر تەۋرەشتە ھازىرغىچە 6 ئادەم قازا قىلغان ، ناھىيىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ، گۈەنيىندەن ، شاجۇ قاتارلىق 14 يېزا – بازاردا جەمئىي 3700 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن .
|