باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئۆلچەملەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى نۇقتىنى ئىگىلەيلى
2008- 05- 26 10:34 شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يۈكسەلدۈرۈشى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش.

     ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ھەرىكەت زەنجىرىدە ئۆلچەم ‹‹ئەڭ تۆۋەن›› ۋە ‹‹ئەڭ يۇقىرى›› نۇقتىنى ئىگىلىگەن. ئۆلچەم ئالدى بىلەن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدۇر. ئۆلچەمگە توشمايدىغان ھەر قانداق مەشغۇلات ياكى مەھسۇلات لاياقەتسىز بولۇپ، جەمئىيەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدۇ؛ بىراق، ئۆلچەم يەنە ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدۇر. كىشىلەر دائىم: ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىلار ئۆلچەمنى ساتىدۇ، دېيىشىدۇ. كىمنىڭ ئۆلچىمى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشسە، باشقا ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە تىجارەتچىلەر شۇ ئۆلچەمنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۆلچەمنى چىقارغۇچىلار بازارغا پاسسىپ ماسلاشماستىن، ئەكسىچە بازارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېتەكچىلىك قىلىپ، رىقابەتتە پايدىلىق ئورۇنغا ئۆتىدۇ.

     ئاپتونوم رايونىمىز بايلىق يۈكسەك مەركەزلەشكەن رايون، يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق. ئەمما ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم تۈردىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتى بازارلىرىدىكى رىقابەت كۈچى يەنىلا ئاجىز، ياخشى تاۋارلارلىرىمىز كۆپ پۇلغا يارىمايۋاتىدۇ. ئۆلچەملەشتۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ خىل پاسسىپ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ تۆۋەن نۇقتىدىكى مەشغۇلاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەلا سۈپەت ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە قىلىش تەننەرخى؛ ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىكى مەشغۇلاتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى دۆلەت ئىچى – سىرتى بازارلىرىدا نوپۇزغا ئىگە قىلىدۇ، بۇ ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ