|
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ خېبېيدىكى لاڭفاڭدا ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خېبېي لاڭفاڭ، 25 – ماي تېلېگراممىسى. سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايدىكى 14 مىليوندىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان كىشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇجىنتاۋ يېقىندىن ئەھمىيەت بېرىۋاتقان مەسىلە. خۇ جىنتاۋ ئۈچ كۈن ئىلگىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىگە بېرىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۈگۈن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لاڭفاڭ شەھىرىگە كېلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇلغانلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى.
مەركەز ئاپەتكە ئۇچرىغان 14 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ يۇرت – ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش جەريانىدا ئورۇنلىشىۋېلىشى ئۈچۈن، ئاپەت رايونىدىكىلەرنى زور تۈركۈمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپەت رايونى ئۈچۈن تۇنجى تۈركۈمدە 1 مىليون يۈرۈش ئاپەتتىن قۇتقۇزۇلغانلارنى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ياسىتىشنى قارار قىلدى. خۇ جىنتاۋ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ يۈنچۈەن، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى خۇ چۈنخۇانىڭ ھەمراھلىقىدا، ‹‹ياجى›› تەييار ئۆي (لاڭفاڭ ) چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كۆچۈردى. لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بۇ كارخانىدىكىلەر 13 مىڭ 500 يۈرۈش ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. زاۋۇت رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان پولات ماتېرىيال، كۆپۈك تاختاي تىزىپ قويۇلغانىدى، خام ماتېرىيال ۋە پۈتكەن مەھسۇلاتلارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتناپ تۇرۇۋاتقانىدى، زاۋۇتتىكى 1000 دىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچى كېچە – كۈندۈز توختىماي جىددىي ئىشلەۋاتاتتى.
خۇ جىنتاۋ كەپشەر ئۇچقۇنلىرى ئۇچقۇنداۋاتقان پولات جازا سېخىغا كىرىپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى كۆرگەچ كارخانا مەسئۇلىدىن ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ كارخانا مەسئۇلىغا مۇنداق دېدى: ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئىشلەپچىقىرىشنى تىرىشىپ تېزلىتىپ، ۋەزىپىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار بىلەن ياردەم بېرىڭلار.

خۇ جىنتاۋ ‹‹ياجى›› تەييار ئۆي (لاڭفاڭ)چەكلىك شىركىتىنىڭ تاختاي سېخىدا 1 – سەپتىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي ئەھۋاللاشماقتا
خۇ جىنتاۋ تاختاي سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بىرقانچە ئىشچى بىلەن سەمىمىي ئەھۋاللىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۇەنگە ۋاكالىتەن ئۇلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ كۆپچىلىككە: ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى ئۆيگە جىددىي ئېھتىياجلىق، ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۇرت – ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
خۇ جىنتاۋ ‹‹ياجى›› شىركىتىدىن ئايرىلىپ، ‹‹جۇڭتەي›› قۇرۇلۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىگە باردى. بۇ كارخانىدىكىلەر 6000 يۈرۈش ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ‹‹جۇڭتەي›› قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىركىتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا كىران قاتارلىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ئۈسكۈنىلىرى رەتلىك تىزىلغان، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش زەربىدارلار ئەترىتىدىكىلەر سەپەرگە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرۇشقانىدى. خۇ جىنتاۋ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ۋەزىپە بولۇپ قالدى، ۋاقىتلىق تۇرالغۇنىڭ كەمچىل بولۇشى بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ زور قىيىنچىلىق. ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش مەركەزنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ۋاقىتلىق ئۆي مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چىقارغان مۇھىم تەدبىرى. يولداشلارنىڭ ئاپەت رايونىغا بارغاندىن كېيىن، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مىنۇت – سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۈچەپ ئىشلەپ، ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداشنى، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى بۇرۇنراق ‹‹يېڭى ئۆي››گە كۆچۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
باش شۇجىنىڭ سۆزى زەربىدارلار ئەترىتىدىكىلەرنى روھلاندۇردى.
خۇ جىنتاۋ ‹‹جۇڭتەي›› قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىركىتىنىڭ يىغىن زالىدا خېبېي ئۆلكىسى ۋە لاڭفاڭ شەھىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم بۇ قېتىم تەكشۈرگەن ئىككى كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە ۋاقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى:‹‹ بۇ قېتىم سىچۇەن ۋېنچۇەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان سالدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە، خەلق جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭى قىلدى. سىلەرنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ئۆز قىيىنچىلىقىمىز دەپ بىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۆز ئېھتىياجىمىز دەپ بىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىپ، ۋەزىپىنى سان – سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنداشقا تىرىشىشىڭلارنى، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.››
خۇ جىنتاۋ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: .1 ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بارلىق چارە – تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇندىشىڭلار كېرەك. .2 سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۆينى يەر تەۋرەشتىن، ئوتتىن، سۇدىن مۇداپىئە كۆرۈش، شامال ئۆتۈشۈش، كۈن نۇرى چۈشۈش، تازىلىق جەھەتتىكى لايىھە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، سۈپىتى لاياقەتسىز بولغانلارنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىقىڭلار كېرەك. .3 تېزدىن توشۇش، قۇراشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، ترانسىپورت تارماقلىرى توشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيلىرى پۈتكەن ھامان ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. .4 تەشكىللەش، رەھبەرلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەركەز چۈشۈرگەن ۋەزىپىنى ۋاقتىدا ئورۇندىشىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تەڭ تۇتۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە جايلار يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش بىلەن بىللە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى يۈزلىنىشىنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلىشى كېرەك، بۇ ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى كۈچلۈك قوللىغانلىق.
|