باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹ھەر قانداق قىيىنچىلىق قەھرىمان جۇڭگو خەلقىنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ!››
2008- 05- 26 10:20 شىنجاڭ گېزىتى

     سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ شىفاڭ شەھىرىدىكى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان يىڭخۇا بازىرىدىكى قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ قەتئىي ھالدا: ‹‹ھەرقانداق قىيىنچىلىق قەھرىمان جۇڭگو خەلقىنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ! ›› دېدى.

      ياڭراق سادا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا جاراڭلىدى!

     قەتئىي سۆزلەر مىللەتنىڭ ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى!

     دەرۋەقە، ھەر قانداق قىيىنچىلىق بىزنى قورقۇتالمايدۇ! قەھرىمان مىللىتىمىزنى تىز پۈكتۈرەلمەيدۇ!

     قەيسەر ئانا جان ئۈزۈش ئالدىدا قۇچىقىدىكى بالىسىغا ‹‹قوزام، سېنى سۆيىمەن›› دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى قالدۇرغاندا، قەھرىمان ئوقۇتقۇچى ئۆز بەدىنى بىلەن ئۆرۈلۈۋاتقان سېمونت تامنى تىرەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوغداپ قالغاندا، خارابىلىك ئاستىدا 100 سائەتتىن ئارتۇق كۆمۈلۈپ قالغان ھايات قالغۇچىنى ناتونۇش پىداكارلار قانغا مىلەنگەن قوللىرى بىلەن كۆتۈرۈپ چىققاندا، خەلقنىڭ پەرزەنت ئەسكەرلىرى ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىشىغا قارىماي، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونغا زەربىدارلىق بىلەن كىرىپ ھاياتلىق يولىنى ئاچقاندا.... كۆز ئالدىمىزدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللىي روھى نامايان بولدى!

     يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ھەر كۈنى سانسىز كۆرۈنۈشلەر بىزنى تەسىرلەندۈردى، قۇلاق تۈۋىمىزدە مۇنداق سادالار جاراڭلىدى!

       بالام، يىغلىما! ئاناڭ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ!

      ۋېنچۇەن، يىغلىما! جۇڭگو تىز پۈكمەيدۇ!

     بىز تىز پۈكمەيمىز، چۈنكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار.

     بىز تىز پۈكمەيمىز، چۈنكى ھالقىلىق پەيتتە يېنىمىزدا كۆكرەك كېرىپ چىقالايدىغان، خەتەرلىك پەيتتە ئالدىدا ماڭالايدىغان پارتىيە ئەزالىرى بار.

     بىز تىز پۈكمەيمىز، چۈنكى ئالدىمىزدا ھەر ۋاقىت پارتىيىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، باتۇر، جەڭگىۋار خەلق ئارمىيىسى بار.

     1998 – يىلىدىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇشتىن تارتىپ سارىسقا تاقابىل تۇرۇشقىچە، 2008 – يىلىدىكى قار – مۇز ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇشتىن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە بولغان كۆپ قېتىملىق ئاپەتكە دۇچ كەلگىنىمىزدە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى يانار تاغدەك پارتلاپ چىقتى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ھەر بىر كۈندە ئاپەت رايونىدىكى كىشىلەر ھەر ۋاقىت بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدى؛ يەر تەۋرەش ئاپىتى پەيدا قىلغان خارابىلىكنىڭ ھەممە يېرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇرى چاقنىدى؛

     ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ؛ ئاپەت بىزنى قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ قەيسەر قىلدى؛

     خۇددى روسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئېلان قىلغان تۇنجى ماقالىدە ئېيتىلغىنىدەك: جۇڭگو ھەقىقەتەن نۇرغۇن مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈردى،  لېكىن ئەزەلدىن تىز پۈكۈپ باقمىدى!

     بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلانغۇسى: جۇڭگو، غەيرەت قىل!

 (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى) 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ