|
23 – مايغىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنى خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئاتلانغان پەرزەنت ئەسكەرلەر، ج خ كادىر – ساقچىلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس قىسىمىدىكىلەر 140 مىڭغا، داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى 50 مىڭغا يەتتى؛ سىچۇەن ئۆلكىسىدە خارابە ئىچىدىن 80 نەچچە مىڭ كىشى قۇتقۇزۇپ چىقىلدى؛ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى 11 مىليون 360 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلار 73 مىڭ 939 كىشىگە يەتتى... بۇ سانلار كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ.
يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ۋەيرانچىلىقى ئەڭ ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. بۇنداق زور كۆلەم، مىسلىسىز يۇقىرى ئۈنۈملۈك جىددىي كاپالەتلەندۈرۈشكە تىرەك بولغىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى ئىدى.
قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كۈچلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مېخانىزمىدا گەۋدىلەندى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىشى بىلەنلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى دەرھال ئورۇنلاشتۇردى، قۇتقۇزۇش قوشۇنلىرى دەرھال يىغىلىپ ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ تارماقلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى، تىك ئۇچار، ترانسپورت ئايروپىلانى، ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قاتارلىق ئىلغار قورال ۋە قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى ئىشلىتىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ھاياتى ئەڭ زور دەرىجىدە قۇتقۇزۇپ قېلىندى. 23 – ماي بېيجىڭ قاتارلىق 21 ئۆلكە، شەھەرنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان ناھىيىلىرىگە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى.
قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى ھەر دەرىجىلىك مالىيىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا گەۋدىلەندى. 24 – ماي سائەت 14 كىچە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جەمئىي 14 مىليارد 629 مىليون يۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيىسى ئاجراتقىنى 10 مىليارد 826 مىليون يۈەن . مەركەز مالىيىسى بۇ يىل ئالدى بىلەن 70 مىليارد يۈەن ئاجرىتىپ، ئاپەتتىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش فوندى قۇرىدۇ، كېلەر يىلى، 2010 – يىلى داۋاملىق مۇناسىپ مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. دۆلەت باج تارماقلىرى ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كېمەيتىدىغان، كەچۈرۈم قىلىدىغان باج سوممىسى 20 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. گوۋۇيۈەن 10 – ئاۋغۇستتىن ئىلگىرى ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيىدىن 1 مىليون 500 مىڭ يۈرۈشنى سېلىپ بولۇشنى قارار قىلدى.
قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نۇرغۇن پۇل، ئەشيا ئىئانە قىلىشىدا گەۋدىلەندى. 23 – ماي سائەت 12گىچە دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن ئىئانە قىلىنغان پۇل، ئەشيالارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 26 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشقان، ئۇنىڭ ئىچىدە ھېسابقا كىرگەن ئىئانە پۇل 17 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن كۆپرەك، 440 مىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش چېدىرى، 18 مىڭ 334 قۇلاي ئۆي، 2 مىليون 320 مىڭ يوتقان، 3 مىليون 70 مىڭ قۇر كىيىم – كېچەك، 315 مىڭ توننا يېقىلغۇ ماي، 679 مىڭ توننا كۆمۈر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا توشۇلغان.
پارتىيە 17 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان ‹‹خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش›› دېگەن تەرەققىيات قارىشى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتا تولۇق گەۋدىلەندى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى، قۇدرەتلىك دۆلەت كۈچىنىڭ مەدىتىدە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتەك بۇ كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
|