باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
‹‹ھەممىمىز بىر نىيەتتە››ناملىق ئاپەت رايونىغا مەدەت بېرىش، مېھىر–شەپقەت يەتكۈزۈش كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى
2008- 05- 26 09:45 شىنجاڭ گېزىتى

 كېچىلىكتە ئىئانە قىلىنغان پۇل 16مىليون يۈەندىن ئاشتى

       23 –  ماي بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ‹‹ھەممىمىز بىر نىيەتتە›› ناملىق شىنجاڭنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا مەدەت بېرىش، مېھىر –  شەپقەت يەتكۈزۈش كېچىلىكى ‹‹تىلەك›› دېگەن ناخشا ساداسى ئىچىدە باشلاندى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سۈرەتكە ئېلىش زالى مېھىر –  مۇھەببەتنىڭ قاينىمىغا ئايلاندى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى يى كېچىلىكقا قاتناشتى ھەمدە پۇل ئىئانە قىلدى

     ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ رەھبەرلىرىدىن لى يى، جاڭ گولياڭ، جاپپار ھەبىبۇللا، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، خۇاڭ چاڭيۈەن، دېڭ نىڭفىڭلار كېچىلىككە قاتناشتى ۋە نەق مەيداندا پۇل ئىئانە قىلدى.

     بۇ كېچىلىكنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق رادىئو –  كىنو –  تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –  سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەير –  ساخاۋەت باش جەمئىيىتى، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن.

باھارگۈل ئىمىن كېچىلىكتە ناخشا ئېيتماقتا

     كېچىلىكتە شامىل شاكىر، باھارگۈل، گاۋ جيەنشىڭ، ليۇ جېيىڭ، شەۋكەت، گاۋ ئاڭ قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 200 گە يېقىن سەنئەتكار خالىس ئويۇن قويدى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرى ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ‹‹ھەممە بىر نىيەتتە››، ‹‹باھاردەك ئىللىق مېھىر››،‹‹بىزنىڭ يۈرىكىمىز››، ‹‹بالام، قولۇمنى مەھكەم تۇت››قاتارلىق ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، مەيداندىكى تاماشىبىنلار ۋە تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى، نەق مەيداندا پۇل ئىئانە قىلىش قايتا –  قايتا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت – تەشۋىقات سىستېمىسىكى 16 ئىدارە، ئورۇن يەنە بىر قېتىم نەق مەيداندا 3 مىليون 920  مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى ھەرقايسى جەمئىيەتلەر ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىكى 100 دىن كۆپ پېشقەدەم، ياش، ئوتتۇرا ياش سەنئەتكار، يازغۇچى پۇل ئىئانە قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزدى.

ئىئانە قىلىش پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈش

      كېچىلىك نەق مەيدانىدا شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى ، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار ۋە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى، شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹خۇايۈەن›› گۇرۇھى، شىنجاڭ ‹‹تيەنرۈن›› سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ ‹‹ئارمان›› شىركىتى، ‹‹ئىخلاس›› شىركىتى قاتارلىق كارخانىلار بەس –  بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. شىنجاڭ ئالاھىدە ترانسفورماتور شىركىتى 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى. شىركەت پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋېي يۈگۈي: بىز ئاپەت رايونىدىكى ئامما بىلەن قان – قېرىنداش. كارخانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار، دېدى.

     ‹‹جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ئون شەخس››نىڭ بىرى  مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ھاشىم كېچىلىككە قاتناشقىلى ئالايىتەن قەشقەردىن كەلدى. ئۇ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتىن خەۋەر تېپىپلا، ئاپەت رايونىغا 600 يۈەننى ئەۋەتىپ بەرگەن ۋە بىر يىللىق مائاشى 17 مىڭ يۈەننى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلىشنى قارار قىلغانىكەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 56مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئەينى ۋاقىتتا چوڭقۇرچاقتا يەر تەۋرىگەندە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىزگە ياردەم قولىنى سۇنغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاپەت رايونىدىكى خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، بىزمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

كېچىلىك نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

     شىنجاڭ SOS  بالىلار كەنتىدىكى كىچىك دوستلار ۋە ئۇلارنىڭ مېھرىبان ئانىلىرى كېچىلىككە قاتناشتى. ئۇلار ئۆزلىرى سىزغان بىر پارچە رەسىمنى ئېلىپ كەلگەنىدى. بەش ياشلىق روڭ شىڭشىڭ رەسىمدىكى چىرايلىق ئۆيلەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكىلەرنىڭ قايتىدىن يېڭى ئۆيلەرگە ئىگە بولۇشىنى، ئۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلار بالدۇرراق قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كەتسە، كۈنلىرى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتسە دەيمەن.

     كېچىلىكتە نۇرغۇن كىشى مەخسۇس ئېچىلغان ئىئانە قىلىش قىزىق لىنىيىسى ۋە قىسقا ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسداشلىقى ۋە ياردىمىنى يەتكۈزدى. كېچىلىكتە نەق مەيداندا ئىئانە قىلىنغان پۇل 16 مىليون يۈەنگە، مەيدان سىرتىدىكىلەر تېلېفون ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئىئانە قىلغان پۇل  200 مىڭ يۈەنگە يەتتى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ