|

سۈرەتتە: لىنتا كېسىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇن خەۋىرى، فوتوسى : شىنجاڭ ‹‹ مورتوم ›› پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى‹‹ مورتوم قەشقەر خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى›› 5- ئاينىڭ 23- كۈنى قەشقەر شەھىرىدە داغدۇغىلىق يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ تىجارەت باشلىدى . كىتابخانىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا خەلق قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زىننەت ئۆمەر ‹‹ شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ باشلىقى قۇربان ياسىن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ شىنيۈ ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابلاجان ئەمەت ، سىياسىي كېڭەش قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غولامجان ئابدۇرۇسۇل ، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى روزى گۈلباي قاتارلىق ۋىلايەت رەھبەرلىرى ، قەشقەر شەھىرى ۋە بىر قىسىم ناھىيە (شەھەر) ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت –تەنتەربىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرى، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋە500 گە يېقىن ئامما مۇراسىمغا قاتناشتى. زىننەت ئۆمەر، قۇربان ياسىن ، جاۋشىنيۇ ، ئابلاجان ئەمەت ،غولامجان ئابدۇرۇسۇل قاتارلىق رەھبەرلەر كىتاب شەھەرچىسىنىڭ تىجارەت باشلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن لىنتا كەستى. مۇراسىم جەريانىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى روزى گۈلباي ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمىگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ ‹‹ مورتوم قەشقەر خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسى›› نىڭ قەشقەردە قۇرۇلۇپ ، قەشقەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت ، مائارىپ ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئۇل سالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە بۇ كىتاپخانىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشىپ ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئۆز رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى. پائالىيەت داۋامىدا، شىنجاڭ مورتوم پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئابدۇراخمان زۇنۇن سۆز قىلىپ شىركەتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسى ھەققىدە توختالدى ھەمدە نەق مەيداندا شىركەتكە ۋاكالىتەن سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا 20 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلغاندىن باشقا قەشقەر شەھەرلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ، قەشقەر شەھەرلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپ ، قەشقەر شەھىرى پاختەكلە يېزىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا 20 مىڭ يۇەن قىممىتىدىكى 1000 پارچە كىتاب سوۋغا قىلدى. ئىگىلىنىشىچە ، بۇ كىتاپ شەھەرچىسىنى 150 مىليون يۇەندىن ئارتۇق مەبلىغى، 600 دىن ئارتۇق ئىشچى –خىزمەتچىسى بار بولغان شىنجاڭ ‹‹مورتوم›› پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ 10 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 2800 كۇۋادرات مېتىر . بۇ كىتابخانىغا دۆلەت ئىچىدىكى 200 دىن ئارتۇق نەشىرىياتنىڭ 900 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ھەر خىل تىل، ھەر خىل ژانىرلاردىكى كىتاب ، ژۇرنال ، ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ، ئۈن-سىن بۇيۇملىرى سېلىنغان . دەسلەپكى قەدەمدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ئالىي- ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان 48 نەپەر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بېسىمىنى يېنىكلەتكەن. مۇخبىرنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلىشىچە ، شىنجاڭ ‹‹مورتوم›› پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، مائارىپتىكى ‹‹ ئىككى ئاساسەن›› خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن بەش قېتىمدا جەمئىي 2مىليون يۈەن قىممىتىدە 50مىڭ پارچە كىتاب تەقدىم قىلغان. بۇ شىركەت بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2007-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايىتىدىن يېتىم- يېسىر ، ئائىلىدە قىيىنچىلىقى بار 50 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئاپتونوم رايونلۇق نەشرىيات تېخنىكا ئىشچىلار مەكتىپىدە ھەقسىز ئوقۇتۇۋېتىپتۇ.
 سۈرەتتە: پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش


بۇ كىتاپ شەھەرچىسى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى جەلب قىلدى
 سۈرەتتە: كىشىلەر كىتاب سېتىۋالماقتا
|