باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر
2008- 05- 24 14:23 تەڭرىتاغ تورى

      ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن

      - مارالبېشى ناھىيىسىدىكى كادىرلار، ئاممىسىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلققە سەمىمىي يارىدەم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا (2)

      سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا 8بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ ، نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۆلكىنىڭ زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرگەن، ئاڭلىغان مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدىكى ھەر مىللەت خەلقىمۇ چەكسىز ئازابلاندى، ئاپەت ئەھۋالى خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى. پۇلى بارلار پۇل، مېلى بارلار مال چىقىرىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە بولغان ھېسسىداشلىقىنى ئىپادىلىدى.
     ‹‹ پۇلىمىز بولمىغىنى بىلەن مېلىمىز  بار››

      - دادا ، ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز ياخشىراق بولغان بولسا ، يەر تەۋرىگەن جايلاردىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە يارىدەم قىلغان بولساق، نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى- ھە ، - دېدى، مارالبېشى ناھىيىىسنىڭ سېرىقبۇيا بازىرى يېڭىئاۋات 18-كەنتدىكى مامۇت ئاۋۇتنىڭ بازارلىق 2-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىق 1-سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان قىزى گۈزەلنۇر مامۇت 5-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئاتا- ئانىسى بىلەن بىرلىكتە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالىنى بىۋاستە تارقىتىۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى، بولۇپمۇ ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ، كىچىككىنە قەلبى ئازاپلانغان ھالدا.
      - قىزىم ئائىلىمىزدە پۇل بولمىغىنى بىلەن ئېغىل- قوتىنىمىزدا قوي ، كالىلىرىمىز، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلققە ھېسىداشلىق قىلىدىغان سەمىمىي قەلبىمىز بار، يەنە كېلىپ كونىلاردا ‹‹ سۇنۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ باققانلار بىلىدۇ›› دېگەن سۆز بار ئەمەسمۇ ، - دەپ چۈشەندۈردى ، كۆز ياشلىرىنى تېشىغا چىقىرالماي ئۆزىنى ئاران كونتىرۇل قىلىۋاتقان مامۇت ئاۋۇت مەڭزىنى بويلاپ چۈشىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە قىزىغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۈرۈپ.
      - مېنىڭچە مۇزايلىق ئىنىكىمىزدىن بىرنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە ئىئانە قىلىپ ، كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلايلى، سىلەرچە قانداق ئانىسى، قىزىم گۈزەلنۇر،- دېدى ، مامۇت ئاۋۇت ئائلىسىدىكىلەرگە بىرمۇ بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئاشكارىلاپ.
      - دادا، ئۇنداق قىلساق، قىينىلىپ قالامىزمۇ ، بىر ئاكام ئالىي مەكتەپتە ئوقىۋاتسا ، يەنە ئۈرۈمچىدىكى رايون ئىچى تولۇقسىز سىىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئاكام بىلەن ئاچاممۇ بار تېخى،- دېدى، ئاتا- ئانىسىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش جەريانىدا تارتىۋاتقان جاپالىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان گۈزەلنۇر ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتۈپ.
      - دېگىنىڭىزغۇ توغرا قىزىم ، بىز بىر ئائىلىدىكى سەككىز جان 6.8مو يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتىمىز، يەنە 5 ، 6 قوي، بىر موزايلىق ئىنىكىمىز بارغۇ ، ئانىڭىز بىلەن ئىككىمىز مىدىرلاپلا تۇرساق، تۇرمۇشىمىزنى يەنىلا ياخشى ئۆتكۈزەلەيمىز ، سىز بۇلاردىن ئەنسىرىمەڭ. بىز ئەينى يىلى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغاندا، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلارمۇ بىزگە يارىدەم قولىنى سۇنغان ئىدى، بىزنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىمىز ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ياخشى ئەمەسمۇ ؟ - دەپ چۈشەندۈردى مامۇت ئاۋۇت قىزىنى خاتىرىجەم قىلىپ.
      - شۇنداق، سىز خاتىرىجەم بولۇپ ياخشى ئوقۇڭ قىزىم ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز تىرىشىپ ئىشلەپ سىلەرنىڭ ئوقۇشىڭلارغا ھەرگىزمۇ تەسىر يەتكۈزمەيمىز،- دېدى، مامۇت ئاۋۇتنىڭ ۋاپادار، ئىشچان، كۆيۈملۈك ئايالى  خاسىيەت تۇنىيازمۇ قىزىنى خاتىرىجەم قىلىپ.
      گۈزەلنۇر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا يارىدەم قىلالىغانلىقىدىن بىر تەرەپتىن خوش بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىمىزدىكىلەر كېيىن قىيىنىلىپ قالامىزمۇ دەپ ئەندىشە قىلدىيۇ، يەنىلا، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئاز بولسىمۇ يارىدەم قىلالىغانلىقىدىن دىلى سۆيۈندى . بىر ئائىلە كىشىلىرى شۇنداق قارارغا كېلىپ ، ئەتتىگەنلىككە سەھەردە موزايلىق ئىنەكنى يىتىلەپ، بازارلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى مەسلىھەتلەشتى، ھەمدە تېلېۋىزۇردىن يەر تەۋرەش ئاپىتى ئەھۋالىنى خېلى كىچىگىچە كۆرۈپ ، كۆڭلى بۇزۇلغان ھالدا ئارام  ئېلىشتى.
      -بۇ ئالىيجاناب خىسلىتىڭلار بىزنى تەسىرلەندۈردى، ناھىيىمىزدىكى، بولۇپمۇ بازىرىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى پۇلى بارلار پۇل، كۈچى بارلار كۈچ، چارۋىسى بارلار چارۋىسىنى يارىدەم قىلىدىغانلا بولسا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىز ئاپەتكە ئۇچرىغاندا قىلغان سەمىمىي يارىدىمىگە ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغىنىمىز بولىدۇ ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ۋاكالىتەن مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، -دېدى بازار باشلىقى سەمىي قادىر 5-ئاينىڭ 20- كۈنى ئەتتىگەندە مامۇت ئاۋۇت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يىتىلەپ كەلگەن موزايلىق ئىنەكنى تاپشۇرىۋېلىپ.
      بازار باشلىقى سەمىي قادىرنىڭ ئېيتىشىچە ، مامۇت ئاۋۇت ئىئانە قىلغان موزايلىق ئىنەكنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا تىرىك ئاپىرىشقا مۈمكىن بولمىغاچقا، بازارلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىدىكى خادىملار موزايلىق ئىنەكنى چارۋا- مال بازىرىغا ئەكىرىپ ، 6000يۈەنگە سېتىپ ، پۇلىنى ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپتۇ. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بەشكىچە بازار بويىچە كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ سىچۈەن ئۆلكىىسى قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىغا ئىئانە قىلغان پۇلى 105مىڭ 697يۈەنگە يىتىپتۇ.

 سۈرەتتە: مامۇت ئاۋۇت ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن موزايلىق ئىنىكىنى بازارلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىغا ئېلىپ مېڭىش ئالدىدا

     ‹‹ ئابلەت ھاپىز، سىزگە ئامان- ئىسەنلىك تىلەيمىز،ئاق يول بولسۇن! ››
      5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتتىگەندە مارالبېشى ناھىيىلىك پارتكوم ئىشخانىسى ئالاھىدە بىر پارچە ئىلتىماس خېتىنى تاپشۇرىۋالدى. بۇ خەت بىر ئۇيغۇر دېھقان تەرىپىدىن ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە يېزىلغان بولۇپ، ئىلتىماس خېتىدە، بۇ يىل 56ياشقا كىرگەن سېرىقبۇيا بازىرى 3-ئاھالىلار كومىتېتىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى ئابلەت ھاپىزنىڭ ئۆزى ماشىنا ئارقىلىق ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ماددىي بويۇملىرىنى ئېلىپ ، سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تالاپىتىگە ئېغىر ئۇچرىغان قېرىنداشلار ۋە ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنى يوقلايدىغانلىقى ، ھەمدە ئاپەت رايونىغا ئۆزى ئىقتىساد قىلىپ يىغقان 10مىڭ يۈەنگە ، ئايالى ، قىزلىرىنىڭ ئالتۇن جابدۇقلىرىنى سېتىپ غەملىگەن 10مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى قوشۇپ ، 50خالتا ئۇن، 500كىلوگىرام گۈرۈج، 100كىلوگىرام سۇ مېيى، 100يېشىك ‹‹ ئامىنە››  ماركىلىق تەييار چۆپ، 2000نان ، 100خالتا بەنلەنگېن ، 500جۈپ لاتا خەي ، 100يۈرۈش يوتقان- كۆرپە قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ تەييارلاۋاتقانلىقىنى، 20ياشلىق ئوغلى ئابدۇسەمەتنىڭ خەنزۇ تىلى ئاساسىنىڭ خېلىلا ياخشىلىقى، ماشىنىنى ھەيدەپ ماددىي بۇيۇملارنى ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئاپىرىشىپ بىرىپلا قالماستىن بەلكى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ بىرىنجى سېپىدە ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلىقى، تەشكىلنىڭ بۇ ئىلتىماسقا قوشۇلىشى ئىلتىماس قىلىنغان ئىدى.
      ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك، مىڭە قان تومۇرلىرى توسۇلۇش، يۈرەك چوڭىيىۋېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئابلەت ھاپىز 5-ئاينىڭ 13-كۈنى كېسەلخانىدىكى تېلېۋىزۇردىن سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ، بەش يىل بۇرۇن ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئېچىنىشىلىق مەنزىىسى كۆز ئالدىغا كەلدى-دە، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى. كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولۇپ ، كېچىچە پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى. كېچىچە تۈزۈكرەك ئارام ئالالمىغان ئابلەت ھاپىز ئەتىسى سەھەردىلا ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا مەسئۇل دوختۇرنى ئىزدەپ تېپىپ ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. لېكىن ، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى يۇقىرى قان بېسىمى200mhg، تۆۋەن بېسىمى110mhg  بولۇپ ، ياتاقتا مۇنتىزىم يېتىپ داۋالانمىسا بولمايىتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يەنە يۈرىكى چوڭىيىۋالغانلىقىدەك كېسەللىك ئەھۋالىمۇ بار ئىدى، بۇنداق كېسەللىك ئەھۋالىدا ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقسا زادىلا بولمايىتتى. ئۇنىڭ مەسئۇل دوختۇرى، - سەن 1200كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، داۋالانغىلى كەلگەن تۇرساڭ، كېسىلىڭمۇ تېخى تولۇق ساقايمىغان تۇرسا، دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسەڭ قەتئىي بولمايدۇ،-دەپ ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا زادىلا قوشۇلمىدى. ئابلەت ھاپىز دوختۇرغا:- سىچۈەن قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپتۇ، مەن مارالبېشىدىن كەلدىم، بىزنىڭ يۇرتتا 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى 6.8بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندە، پارتىيە، ھۆكۈمەت، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىزگە يارىدەم قولىنى سۇنغان ئىدى، ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن جايلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز ياردەمگە جىددىي مۇھتاج، مەن دەرھال ئۆيۈمگە قايتىپ، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قېرىنداشلارغا ئازراق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرمىسەم، كۆڭلۈم ئەمىن تاپمايدۇ،- دەپ ئۆزىنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىشنى قايتا- قايتا تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋېلىشىدىكى يۈرەك سۆزىنى چۈشەندۈردى.
      - ئۇنداقتا بولىدۇ ، سەن دوختۇرخانىدىن چىقىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قېرىنداشلاردىن ھال سوراپ دەرھال قايتىپ كەل، كىسىلىڭنى ئاندىن داۋالايلى،سىنى توسۇپ قالغىلى بولمىغۇدەك، سىنىڭ بۇنداق يۈكسەك ئالىيجاناب روھىڭ كىسىلىڭ ئۈستىدىن غالىپ كىلەلەيدۇ، بىز سىنىڭ تېپىلغۇسىز بۇ قىممەتلىك روھىڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندۇق،- دىدى-دە ئۇنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا قوشۇلۇپ، ئۈنۈملىك دورىلارنى يېزىپ بەردى ھەمدە دورىنى چوقۇم ۋاقتىدا يىيىشنى ئالاھىدە تاپىلىدى.
      5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتتىگەندىلا دوختۇرخانىدىن چىقىش رەسمىيىتىنى بىجىرگەن ئابلەت ھاپىز دەرھال ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ ، پويىزغا ئولتۇرۇپ، مارالبېشىغا قايتىپ كەلدى. سەپەرنىڭ ھاردۇقى يەتكەن ئابلەت ھاپىزنىڭ زادىلا ئارام ئالغۇسى كەلمىدى، 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئائىلىسىدىكىلەرنى يىغىپ، قىسقىغىنە ئائىلە يىغىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ ئويىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئېيىتقاندا، ئائىلىسىدىكىلەر بىردەك ئۇنىڭ ئويىغا قوشۇلۇپ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايوندىكى قېرىنداشلارغا يارىدەم قىلىشقا چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئۇنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئائىلە باشلىقى بولغان ئابلەت ھاپىز ئائىلە يىغىنىدىلا، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە كىچىك ئوغلى ئابدۇسەمەت ئابلەتنىمۇ سىچۈەن ئۆلكىسىگە بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قارار قىلدى ھەمدە ئوغلى ئابدۇسەمەتنىڭ ماشىنىنى ھەيدەپ، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇپ، ماددىي بۇيۇملارنى ئاپىرىشقا يارىدەملىشىپلا قالماستىن، يەنە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىۋاتقان ئوفىتسېر- ئەسكەرلەر بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىدىغانلىقىنى قارار قىلدى. ئابلەت ھاپىز ئۇزۇن قەغەزگە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئاپىرىشنى ئويلىغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ ئىسمىنى يازدى، بۇلارنى سېتىۋېلىشقا، بېرىپ- كېلىش جەريانىدىكى ماشىنىغا بېنىزىن قاچىلاش قاتارلىق چىقىملارنى قوشقاندا تەخمىنەن 30مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىغانلىقىنى ھىساپلاپ چىقتى. 30مىڭ يۈەن ئۇششاق تىجارەت بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل داۋالىتىپ تۇرىۋاتقان بىر ئائىلە ئۈچۈن ئاز پۇل ئەمەس ئىدى. ئۇ دوختۇرخانىدىن ھىسابلاشقاندا قايتۇرۇپ كەلگەن 5000يۈەنگە ئائىلىسىدە ئىقتىساد قىلىپ ساقلاپ، ئامانەت قويۇپ قويغان پۇللىرىنى قېتىۋىدى، ئاران 10مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل  غەملەندى. يولدىشىنىڭ پۇل غەملەشتە بېشى قېتىۋاتقانلىقىنى كۆڭلى تۇيغان ئايالى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ياندىكى ئۆيىگە چىقىپ كېتىپ ، ئىككى قىزى ۋە چوڭ كېلىنىنىڭ بارلىق ئالتۇن زىننەتلىرىنى ئېلىپ چىقىپ،  بازاردىكى زەگەخانىدا ئەرزان بولسىمۇ، باھا تالاشمايلا 10مىڭ يۈەنگە سېتىپ ، پۇلىنى ئابلەت ھاپىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. پۇل يەنىلا يېتىشمەيىتتى، ئابلەت ھاپىز تەرەپ- تەرەپكە قاتىراپ، ئەل- ئاغىنە، ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن قەرىز ئېلىپ، يەنە 10مىڭ يۈەن غەملىدى، ئابلەت ھاپىزنىڭ ھىساۋاتىدىكى 30مىڭ يۈەن ئاخىرى غەملەندى، ئابلەت ھاپىز دەرھال بازاردىكى ئاشلىق، ماي سېتىش دۇكىنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاپارماقچى بولغان ماددىي بۇيۇملارنى تولۇق سېتىۋالدى ھەمدە ماددىي بۇيۇملارنى ئاپىرىدىغان چوڭ ماشىنىنىمۇ ئۇقۇشتى. ئابلەت ھاپىزنىڭ سىچۈەنگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئابلەت ھاپىزنىڭ  جىيەن ئوغلى  ئابدۇۋايىت غالىپمۇ ئابلەت ھاپىز بىلەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا بىللە بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
      مۇشۇ بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئابلەت ھاپىز يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ئاپىرىدىغان ماددىي بۇيۇملارنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، لىكىن، تېلېۋىزۇردىن ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ ، يېتىم بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگىنىدە قەلبى چەكسىز ئازاپلىنىپ، كۆز ياشلىرىنى پەقەتلا توختىتالمىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە بىر يېڭى ئوي كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تەشكىل قوشۇلسا ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىلىپ، يېتىم بولۇپ قالغان بالىلاردىن بەشنى ئېلىپ كېلىپ ، ياراملىق تەربىيىلەپ ، قاتارغا قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابلەت ھاپىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلاپ كەلگەن يەنە بىر ئارزۇسى جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرىش ئىدى. شۇڭا ئۇ يولغا چىقىش ئالدىدا، سېرىقبۇيا بازارلىق پارتكومغا ئۆزىنىڭ پارتىيىگە كىرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ، پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئىلتىماسىنى ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى، ئۆزىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىگە بېرىپ ، تالاپەتكە ئۇچرىغان قېرىنداشلىرىدىن ھال سوراش، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش، يارىدەم   بېرىش جېڭىگە قاتنىشىشتەك ئەمەلىي ھەركىتى ئارقىلىق پارتىيە تەشكىلىنىڭ سىنىقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى. 
      ئابلەت ھاپىزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن سىچۈەن ئۆلكىسىگە بېرىش توغرىسىدىكى ئىلتىماسى ۋە ئەمەلىي ھەركىتى ناھىيە تەۋەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، خەلق قۇرۇلتىيى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ كاشىڭ ئىلتىماسقا تەستىق سېلىپ، ئۇنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىىيىسىگە بېرىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان قېرىنداشلارنى يوقلاپ كېلىشىگە قوشۇلدى، ھەمدە سەپەر جەريانىدا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە مارالبېشىدىكى 280مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈشنى ئالاھىدە تاپىلىدى. ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق ئىشلار ئىدارىسى نامىدا تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ بەردى. بىرقانچە كۈن پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئابلەت ھاپىز 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4تىن 15مىنۇت ئۆتكەندە، ناھىيىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇاسىۋەتلىك رەھبەرلەر، پارتكوم، ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى 300گە يېقىن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر داغدۇغۇلۇق ئۇزۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، ئابلەت ھاپىز ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇسەمەت ، جىيەنى ئابدۇۋايىت غالىپ قاتارلىقلارنى ئۇزۇتۇپ قويدى. ناھىيىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى ۋېنگې، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەن چۇبەي قاتارلىقلار ئابلەت ھاپىزنىڭ بۇ قېتىمقى قۇتلۇق سەپىرىدىن تەسىرلىنىپ، - يولدا بارغۇچە ماشىنىغا بېنىزىن قاچىلارسىز،- دىيىشكىنىچە 500يۈەن پۇلنى ئابلەت ھاپىزنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي قولغا تۇتقۇزدى.
      ئۇزۇتۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر لىققىدە ماددىي بويۇم قاچىلانغان ماشىنا قوزغىلىشى بىلەن تەڭلا،- ئابلەت ھاپىز، بىز سىزگە ئامان- ئېسەنلىك تىلەيمىز، ئاق يول بولسۇن،- دەپ ۋاقىراشقىنىچە  قول پۇلاڭلىتىپ ، ئابلەت ھاپىز قاتارلىقلارنى ئۇزۇتۇپ قويدى. قىزىل رەڭدە يېزىلىپ، ماشىنىنىڭ ئالدىغا چوڭايتىپ چاپلانغان « يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلارغا  يارىدەم قىلايلى» دىگەن خەت كەچكى قۇياش نۇرىدا تېخىمۇ جۇلالانماقتا ئىدى.

سۈرەتتە:ئابلەت ھاپىز ھال سوراش ماددىي بۇيۇملىرى قاچىلانغان ماشىنا ئارقىلىق سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىقتى

         داۋامى بار

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ