|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن
- مارالبېشى ناھىيىسىدىكى كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلققە سەمىمىي ياردەم قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا (1)
5-ئاينىڭ 12-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا 8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ ، نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۆلكىنىڭ زور تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كۆرگەن، ئاڭلىغان مارالبېشى ناھىيىسىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبى چەكسىز ئازابلاندى ، بۇ قېتىمقى زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان،كۆڭلى تېخى ئەمدى ئەمىن تېپىپ ، بەختىيار كۈنلەرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈۋاتقان بۇ گۈزەل بوستانلىقتىكى خەلقنىڭ يۈرەك تارىنى تىترەتتى. چۈنكى، 2003-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى يۈز بەرگەن 6.8بال كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى بۇ ناھىيىنىڭ چوڭقۇرچاق، سېرىقبۇيا، ئاۋات ، يېڭىئۆستەڭ ، ئالاغىر، ئاقساقمارال قاتارلىق يېزا- بازارلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرۇتۇپ ، 268ئادەمنىڭ قازا قىلىشى، 22مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننىڭ ئۆيلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، تاشيول، ئالاقە، سۇ ئەسلىھەلىرى ۋە مەكتەپ ، دوختۇرخانا ، يېزا، كەنت خىزمەت ئىشخانىلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان ئىدى. مارالبېشى خەلقى، بولۇپمۇ چوڭقۇرچاق يېزىسىدىكى خەلق ئاممىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تالاپىتىگە ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ ، قەلبى چىدىغۇسىز جاراھەتلىنىپ ، يەتكۈچە ‹‹ دەرد›› تارتقان بولسىمۇ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ، باش شۇجى خۇجىنتاۋ ، زوڭلى ۋېنجىياباۋ قاتارلىق پارتىيە ، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ قوللىشى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى، بولۇپمۇ مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەمىمىي يارىدىمىدە ، جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ، يۇرت- ماكاننى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، بۈگۈنكىدەك بەختىيار كۈنگە ئېرىشكەن ئىدى. گۈزەل ماي ئېيى بۇ يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان قەدىمىي يۇرتقا باشقىچە تۈس بېرىپ ، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن سېخىي قۇياش ئۈمىدلىك نۇرلىرىنى ئايىماي چېچىۋاتقان پەيتلەردە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ پەۋقۇلئاددە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر بۇ يۇرتتىكى خەلقنىڭ ئارامىنى بۇزدى، قانداق قىلىش كېرەك؟...... ‹‹ بىز باشلامچى بولمىساق بولمايدۇ›› - يولداشلار ، ئىككى كۈندىن بېرى ھەممىمىز كۆرىۋاتىمىز، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇنلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكى زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز مارالبېشى خەلقى بەش يىلنىڭ ئالدىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئېغىر ئۇچراپ ، ئاشۇنداق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىزگە سەمىمىي ياردەم قولىنى سۇنۇپ ، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك يۇرت- ماكانلىرىمىزنى قايتىدىن گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىزغا يارىدەم قىلغان ، بىز يۇقىرىىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىنى كۈتۈپ تۇرماي، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىزگە قىلغان يادىمىگە ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرايلى، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئاز بولسۇن، كۆڭلىمىزنى ئىپادىلەيلى، بۇ ھەقتە بىز باشلامچى بولمىساق بولمايدۇ- دېدى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىيۇ كاشىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ناھىيە تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىۋىنىڭ يىغىنىدا ئۆز پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ. - بولىدۇ، شۇنداق قىلايلى!- يىغىنغا قاتناشقان 30نەپەرگە يېقىن ناھىيە رەھبەرلىرى تەڭلا جاۋاب بەردى. -مېنىڭچە ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا ئىئانە توپلاش، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا قارىتا ئۆلچەم بېكىتىۋالمىساق، كادىرلار، خەلق ئاممىسى قانچىلىك يارىدەم قىلىشنى خالىسا ، شۇنچىلىك يارىدەم قىلسا، بىز ناھىيە مالىيىسىدىن 100مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ ، ئاپەت رايونىغا ياردەم قىلايلى،- ھەممەيلەننىڭ چىرايىدا بىر خىل رازىمەنلىك جىلۋە قىلدى. -مانا مەن باشلامچىلىق بىلەن 500يۈەن ئىئانە قىلىمەن،- لىيۇكاشىڭ شۇجى شۇنداق دىدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، يىغىن زالىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىئانە ساندۇقى تەرەپكە ماڭدى. بەش مىنۇتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقت ئىچىدە ناھىيە تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللېكتىۋىدىكى رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن 6000يۈەن ئىئانە قىلدى. مانا شۇ مىنۇتلاردىن كېيىنلا مارالبېشى زېمىنىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر كىشى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى قېرىنداشلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا ئالدىرايدىغان ئاجايىپ قىزغىن كەيپىيات ئەۋج ئالدى.
ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقنىڭ قەلب رىشتىسى ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قېرىنداشلىرىغا باغلاندى
5-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتە ، ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلققە باشلامچىلىق بىلەن كۆڭۈل ئىزھار قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان چوڭقۇرچاق يېزىىسىدىكى ئورگان ، پونكىت ، ئورۇن ۋە كەنت كادىرلىرى تۇشمۇ- تۇشتىن يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى يىغىن زالىغا يىغىلىپ ، ئاپەت رايونىغا بالدۇرراق كۆڭۈل ئىزھار قىلىشقا ئالدىرىماقتا ئىدى. - يولداشلار،-دەپ ئالدىغا چىقتى بەش يىلنىڭ ئالدىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە بەش قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاسارىتىدە قەلبى يارىلىنىپ، يەتكۈچە ‹‹ دەرد ›› تارتقان بولسىمۇ، كەنتتىكى خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ ، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش جەريانىدىكى تىللاردا داستان بولغىدەك نەمۇنىلىك ئىش- ئىزلىرى بىلەن 2003-يىلى جوڭگونى تەسىرلەندۈرگەن ‹‹ 10مەشھۇر شەخىس›› نىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان ، مەملىكەت ، ئاپتونوم رايون ، ۋىلايەت ، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ‹‹ مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى››، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، پارتىيە 17- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزگۈچى، چوڭقۇرچاق يېزىلىق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، تۈگمەنبېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى داۋۇت ھاشىم . ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا ، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى:- جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ، ئورتاق تىرىشىشى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ خەتەرلىك پەيىتتە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىپ ، مۆجىزە يارىتىدىغان باتۇرانە روھى بولغاچقىلا، بىز چوڭقۇرچاق خەلقى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، يۇرت- ماكاننى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۈگۈنكىدەك خاتىرجەم، بەختىيار كۈنگە ئېرىشتۇق. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى، مەن ئىشىنىمەنكى، ئاپەت رايونىدىكى خەلقمۇ بىز چوڭقۇرچاقلىقلارغا ئوخشاش پارتىيىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ ، كۆڭۈل ئىزھار قىلىشى، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا قاتناشقان خادىملار، ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىشى نەتىجىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ، ئىشلەپچىقىرىش ، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، يۇرت- ماكاننى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ئاخىرقى ئۇلۇغ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. داۋۇت ھاشىمنىڭ باشلامچىلىق بىلەن 1000يۈەن پۇل ئىئانە قىلىشى نەتىجىسدە، مۇراسىمغا قاتناشقان يېزا، كەنت كادىرلىرى، كادىر، ئىشىچى- خىزمەتچىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بەس- بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە بولغان ھېسىداشلىقى ۋە مېھر- مۇھەببىتىنى نامايەن قىلدى. 10مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 4040 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىندى. يېزا ، كەنت كادىرلىرى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردىكى خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان يېزا تەۋەسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار، يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ، ئىختىيارىي ئاساستا، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان جايلاردىكى خەلققە شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنلا 100مىڭ يۈەنگە يېقىن ، 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ سائەت يەتتىگىچە 181مىڭ 642يۈەن 70پۇڭ ئىئانە قىلىپ، 2003 -يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۆز يېزىسىدا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈن كەلگەندە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر ساھە، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان غايەت زور سەمىمىي غەمخورلىقى ۋە يارىدىمىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق،‹‹ ھەممە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىينچىلىقتىن قورقماي، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ يارىدەم بېرىش، ئىتتىپاقلىشىپ تۆھپە قوشۇش، غەلبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش›› تەك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش روھىنى تولۇق جارىي قىلدۇردى. 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت تۆتكىچە ، بۇ ناھىيىدىكى كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ئىئانە قىلغان پۇل 728مىڭ 400يۈەنگە يەتتى. ھازىر بۇ ناھىيىدە كادىرلاردىن تارتىپ دېھقانلارغىچە ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ ، ياشانغان بوۋاي- مومايلارغىچە ئىختىيارىي ئاساستا ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلققە كۆڭۈل ئىزھار قىلىش بەس- بەستە داۋاملاشماقتا.
( داۋامى بار )
|