|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نۇرئەخمەت نۇرامبەگ خەۋىرى ، فوتوسى : غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تاينىپ بېيىغان ئەنۋەر مەمتىمىن سىچۈن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىن كېيىن 1500 يۈەن ئىئانە قىلغانىدى . ئۇ ، يېقىندا يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردا يېمەكلىك قىس بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ، ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا 10 مىڭ نان ئەۋەتىشنى قارار قىلدى. 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى ، غۇلجا شەھەر شىنخۇا غەربىي يولىدىكى 12 ناۋايخانا ئۇن ، ماي ، سۈت تەييارلىدى. ناۋايلار 5 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سەھەر سائەت بەشتىن باشلاپ نان يېقىپ ، ئىككى كېچە كۈندۈزدە 10 مىڭ ناننى يېقىپ تەييار قىلدى . 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كەچتە ، ئىلى خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھر – مۇھەببىتى سىڭگەن 10 مىڭ نان ئۈرۈمچىگە يەتكۈزۈلۈپ ، پويىز بىلەن ئاپەت رايونىغا ئېلىپ كېتىلدى .

سۈرەتتە: نانلار ئورىلىپ ، يولغا سېلىنىش ئالدىدا
|