|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21 – ماي تېلېگراممىسى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى (ئىدارىسى)، پىلانى ئايرىم شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بېقىۋېلىشقا دائىر ساۋاتلاردىن خەۋەردار خادىملارنى ئەۋەتىپ، ئاممىغا بېقىۋېلىشقا ئالاقىدار قانۇن – بەلگىلىمىلەر بويىچە جاۋاب بېرىشى شۇنداقلا ئۆز رايونىنىڭ ئىزاھات بېرىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىشنى تەلەپ قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىشى شۇنداقلا ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى يېتىم بالىلارنى شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى كېرەك. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي يۆتكەپ، ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى، يېتىم بالىلارنىڭ سالاھىيىتى تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن، بېقىۋېلىش شەرتى قاتارلىق ئامىللار تېخى تولۇق ھازىرلانمىدى، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى نورماللاشقاندىن كېيىن، يېتىم بالىلارنى بېقىۋېلىش خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرىدۇ.
|