باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى
2008- 05- 23 11:47 شىنجاڭ گېزىتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 22 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا گوۋۇيۈەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانلىق شتابىنىڭ ھازىرقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە سىچۇەن قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئۆلكىلەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كەلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىر – جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئوفىتسېر – ئەسكەرلىرى، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر ۋە ج خ خەلق ساقچىلىرى قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى. داۋالاش –  ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرى، ئاخبارات خىزمەتچىلىرى، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىر نىيەتتە ھەمكارلاشتى؛ ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئامما باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزدى؛ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تارماقلار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى. چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇقلار بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت پائال ياردەم قىلدى. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش بولۇپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىدە غەلىبە قازىنىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. پۈتكۈل پارتىيە، پۈتكۈل ئارمىيە، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، جاپا – مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان ئۇلۇغ روھى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىق زەپەر مارشىنى ياڭراتتى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى داۋاملىق ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەش كېرەك. قاپسېلىپ قالغان ئاممىنى داۋاملىق ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھەر بىر يېزا – كەنتلەرگىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ چەت، يىراق يېزا – كەنتلەرنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىرمۇ كەنتنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. يارىلانغان ئاممىنى قۇتقۇزۇش – داۋالاشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئېغىر يارىدارلارنى شارائىتى ياخشىراق داۋالاش ئورۇنلىرىغا تېزدىن يۆتكەپ داۋالاش، ئاپەت رايونىنىڭ داۋالاش، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىنىشىگە ۋە يارىلانغان ئاممىنىڭ ھاياتى، بىخەتەرلىكىگە ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەھىيە –  يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي يۇقۇم مۇداپىئە كۈچلىرىنى تېزدىن تولۇقلاپ، ئاپەت رايونىدا يۇقۇم مۇداپىئەسى، يۇقۇم ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن كېيىن ئېغىر يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق، يېمەكلىك، ئىچىدىغان سۇ، يوتقان – كۆرپە قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەشنى چىڭ تۇتۇش، چېدىر، قۇراشتۇرما ئۆي قاتارلىق جىددىي كېرەكلىك ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشنى تېزلىتىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ۋە ئۇلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، بىخەتەر تۇرالغۇسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، بولۇپمۇ يېتىم بالىلار، ئىگە – چاقىسىز ياشانغانلار، ئىگە – چاقىسىز مېيىپلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

     ئاپەتتە ۋەيران بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى داۋاملىق رېمونت قىلىش، بولۇپمۇ خەتەرلىك ئەھۋال كۆرۈلگەن سۇ ئامبارلىرى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىلىرى ۋە ئويمانلىقتىكى توختام سۇ توسمىلىرىنى رېمونت قىلىپ، ئىككىلەمچى  ئاپەتنىڭ يېڭى زىيان كەلتۈرۈشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. ئىدىيىۋى خىزمەتنى ۋە روھىي جەھەتتىن تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ياخشى قوغداپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا، كىشىلەرنىڭ خاتىرجەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئىشلەپچىقىرىشنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ ھوسۇلنى تېزدىن يىغىشى، تېزدىن تېرىقچىلىق قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پائال شارائىت يارىتىپ، ئاپەت رايونىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە كېلىپ چىققان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك.

     يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، جايلار، تارماقلار مەركەزنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن بىر قولدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۇتۇشى، يەنە بىر قولدا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تۇتۇشى، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، ئىقتىسادنى تىرىشىپ تەكشى، تېزراق يۈكسەلدۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى تىرىشىپ ساقلىشى كېرەك. مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننىڭ ئەتراپلىق تەكشۈرۈش، ئۇنىۋېرسال باھالاش، ئىلمىي پىلانلاش ئاساسىدا ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بالدۇر پىلانلىشىغا ۋە دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ