باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا 7مىليون230 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى
2008- 05- 22 16:56 تەڭرىتاغ تورى

       ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن ، قەمەردىللا دولقۇنلار خەۋىرى : 5-ئاينىڭ 12- كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە 8 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇنلىغان ئاممىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدا قازا قىلغانلىقى ۋە مال- مۈلكىنىڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر قەشقەردىكى رەھبەرلەر ، پارتىيىلىك كادىرلار، ئارمىيە- ساقچى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىسىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتكوم، مەمۇرىي مەھكىمە ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى ، سىياسىي كېڭەش ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى قاتارلىق تۆت چوڭ رەھبەرلىك بەنزىسى رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا جىددىي كۆڭۈل بۆلۈپ ، باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ ، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش نەتىجىسىدە ، ھەر قايسى ناھىيە (شەھەر)،ئىدارە-ئورگان ، كارخانا ، مەكتەپ ، يەككە تىجارەتچىلەر ۋە ئامما ‹‹ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا يولۇقسا ، ھەممە تەڭ ياردەم قولىنى سۇنۇش ›› تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مىللەتىرىنىڭ ئېسىل روھىنى نامايەن قىلىپ ، 5-ئاينىڭ 21-كۈنىگە قەدەر ئاپەت رايونىغا جەمئىي 7مىليون 230 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ ، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش-ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە مەدەت بەردى .
       مۇخبىرنىڭ ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ۋە قىزىل كىرست جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە ، مارالبېشى ناھىيە چوڭقۇرچاق يېزا تۈگمەنبېشى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى داۋۇت ھاشىم جەمئىي 11مىڭ يۈەن؛ سېرىق بۇيا بازىرى يېڭىئاۋات كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مامۇت ئاۋۇت  6500 يۈەن قىممتىدىكى موزايلىق ئىنەك : قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، 30 مىڭ 154 يۈەن ؛ قەشقەر ‹‹ ياگىر›› گۇرۇھىدىكىلەر 38مىڭ 873 يۈەن نەق پۇل ۋە 50مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ساپ پاختىدىن توقۇلغان مايكا ؛ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇتقۇچى –ئوقۇغۇچىلار 100 مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل ؛ قەشقەر چىگرا مۇداپىئە تارماق ئەتىرتىدىكى ھەر مىللەت كادىر ، كوماندىر – جەڭچىلەر 61مىڭ 360 يۈەن ؛ قەشقەر ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش ئورنىدىكى كادىر – ساقچىلار 16 مىڭ 318  يۈەن ؛ قەشقەر شەھەرلىك 1- بالىلار باغچىسىدىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار 8121 يۈەن ؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىكى كادىر ، ئىشچى – خىزمەتچىلەر 22 مىڭ يۈەن ؛ قەشقەر شەھەر ‹‹ جىياخاۋ ›› خوجىلىق باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتى ‹‹ گۈللۈك›› ئولتۇراق رايونىدىكى ھەر ساھە ئامما 10 مىڭ 881 يۈەن ئىئانە ؛ قەشقەر 2- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 2- يىللىقىدىكى 40 نەپەر ئوقۇغۇچى دەم ئېلىش كۈنىدىن پايدىلىنىپ ، قەشقەر پىيادىلەر سودا كوچىسىدا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ 6904 يۈەن ؛ قەشقەر شەھەرلىك بالىلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى ئىگە چاقىسىز يېتىم- يىسىر بالىلارمۇ  ئۆزلىرىنىڭ يىغقان ئازغىنە تۇرمۇش پۇللىرىنى  ئىئانە قىلىپ ، ئاپەتكە  ئۈچرىغان ئاممىغا بولغان سەمىمىي كۆڭلىنى بىلدۈردى.
     5-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 6گە قەدەر ۋىلايەتلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى ئىدارە ، كارخانا ۋە شەخسلەر ئىئانە قىلغان 6مىليون 750مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلنى بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلار نازارىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. ۋىلايەتلىك قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىمۇ ۋىلايىتىمىزدىكى 106 ئىدارە ، ئورۇن ، كارخانا ۋە شەخسلەر ئىئانە قىلغان 480 مىڭ يۈەن نەق پۇل، 50 مىڭ يۈەن قىممتىدىكى يوتقان –كۆرپە ، كىيىم – كېچەكلەرنى بىۋاسىتە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە ئاپەت رايونغا يەتكۈزۈپ بېرىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن .
«قەشقەر گېزىتى» مۇخبىرلىك مەركىزى


( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ