باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 26–قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇرقانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى
2008- 05- 22 11:15 شىنجاڭ گېزىتى

     بۇ يىل 5 – ئاي ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 26 –  قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە 17 –  قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› نىڭ روھىنى، گوۋۇيۈەننىڭ 32 –  نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 –  نۆۋەتلىك كومىتېتى 5 –  ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقان، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى داۋاملىق پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن، تەربىيە ئېيى پائالىيىتىنى تۆۋەندىكىدەك ئورۇنلاشتۇردۇق:

     1. يېتەكچى ئىدىيە

    جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ‹‹ئىشنى قىلدۇق ئۆملۈكتە، قۇچتۇق شانلىق نەتىجە›› دېگەننى ئاساسىي تېما، ‹‹كومپارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، دۆلىتىمىز چوڭ ئائىلىسى ياخشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ياخشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ياخشى›› تەربىيىسىنى يادرو، ماركىسىزىملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹تۆتنى تونۇش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› نى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ‹‹ئو ت م نى كۈتۈۋېلىش، مەدەنىيەتلىك بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، يېڭى ئىستىل تۇرغۇزۇش›› پائالىيىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پارتىيىنى، دۆلەتنى، سوتسىيالىزمنى سۆيىدىغان؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان؛ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە ئەگىشىپ ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىدىغان قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش، ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ماركىسىزىمغا بولغان ئېتىقادىنى، سوتسىيالىزىمغا بولغان ئەقىدىسىنى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، تېخىمۇ گۈللەنگەن، باي، ئىناق سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

      2.پائالىيەت مەزمۇنى

     (1) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش تەشۋىقات  – تەربىيە پائالىيىتىنى باشلاش. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىللىق شانلىق مۇساپە، شانلىق نەتىجە ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىشتىكى جانلىق دەرسلىك. ئاپتونوم رايونىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى باشلايدۇ. بىرىنچى، ‹‹ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان ئېرىشكەن شانلىق نەتىجىلەردىن تەشۋىقات – تەربىيە تېزىسى›› تۈزۈپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە يېزىقتا باستۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن جايلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەر مەزمۇن قىلىنغان يۈرۈشلۈك تەشۋىقات، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، ‹‹مىڭلىغان يېزا – كەنتتە تەرەققىيات ھەققىدە سۆھبەت›› پائالىيىتىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئالتە ياخشى›› تېمىسىدىكى 7 – نۆۋەتلىك ‹‹يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى مۇسابىقىسى››، 2 – نۆۋەتلىك ‹‹يېزا – كەنتلەردە يۈز كۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت، تەنھەرىكەت پائالىيىتى مۇسابىقىسى›› نى  قانات يايدۇرىدۇ، بۇ پائالىيەتلەردە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئەتراپىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ شىنجاڭدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ۋە غايەت زور نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلىسە، كەلگۈسى تەرەققىياتقا نەزەر سالسا بولىدۇ. ئىككىنچى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ‹‹ئىشنى قىلغاچ ئۆملۈكتە، قۇچتۇق شانلىق نەتىجە›› تېمىسىدىكى مەخسۇس سىتون ۋە سەھىپىلەر ئېچىلىپ، مۇخبىرلار نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرگە بېرىشقا تەشكىللىنىپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرە يېتەكلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەركەز ۋە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرلىرى ۋە ئېرىشكەن گەۋدىلىك نەتىجىلىرى؛ ھەرقايسى ساھەلەردە بارلىققا كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەر ۋە ئېرىشكەن شانلىق نەتىجىلەر مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىدۇ. جايلاردىكى تەشۋىقات تارماقلىرى ئۆز جايىنىڭ تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز جايىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى شانلىق نەتىجىلەرنى مۇھىم تېما قىلغان تەشۋىقات جېڭىنى كۈچەپ ئېلىپ بېرىشقا ئەستايىدىل تەشكىللىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى – تۆۋەندىكىلەر بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، شانلىق نەتىجىلەر مېلودىيىسىنى ياڭرىتىپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

     (2) يۈرۈشلۈك سەييارە دوكلات بېرىش پائالىيىتى تەشكىللىنىدۇ. چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› لەرنىڭ بۇرمىلانغان تەشۋىقاتى ۋە ھۇجۇمىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن بىرلىكتە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ تىپىك ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن بىرلىكتە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىكى تىپىك ئىش – پائالىيەتلەردىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەشكىللەيدۇ،ئۇلار 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بېرىپ تىپىك مىسال، جانلىق لېكسىيىلەر ئارقىلىق يۈز تۇرا تەشۋىقات، تەربىيە ئېلىپ بارىدۇ.

     (3) ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مىللىي 6 – ليەنىنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۇسى بىرلىكتە مىللىي 6 – ليەننىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەشكىللەيدۇ،ئۇلار شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋە شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارغا بېرىپ سەييارە دوكلات بېرىدۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى سەييارە دوكلات بېرىش پائالىيىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىشقا ماسلىشىدۇ. مىللىي 6 – ليەننىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرى كىتابچە قىلىپ تۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە يېزىقلاردا بېسىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە كوماندىر – جەڭچىلەرنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئارمىيە ۋە يەرلىكتىكى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلارغا، ليەندۈيلەرگە تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى بىرلىكتە يولداش جياڭ يىڭنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىدىن دوكلات بېرىش ئۆمىكى تەشكىللەيدۇ،ئۇلار ھەر قايسى جايلاردا سەييارە دوكلات بېرىدۇ. جايلار، ئورۇنلار مىللىي 6 – ليەن ۋە يولداش جياڭ يىڭنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە، ئۆز جايى، ئۆز ئورنىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى –  تەرەققىياتىدىكى ئىلغار تىپلارنى قېزىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.

     3.خىزمەت تەلىپى

     (1) رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ھازىرقى ۋەزىيەتتە ‹‹ئىشنى قىلغاچ ئۆملۈكتە، قۇچتۇق شانلىق نەتىجە››تېمىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش –  تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۆز جايى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيە پائالىيىتىنىڭ چوڭقۇر ھەم ئۈنۈملۈك ئىشلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگان، رەھبىرىي بەنزە، رەھبىرىي كادىرلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتىدە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ‹‹ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتقا، تەرەققىياتقا، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇش›› ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

     (2) ئىدىيىۋى تەربىيىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئىدىيىۋى تەربىيە ئاچقۇچ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيىتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئالتە ياخشى›› تەشۋىقات –  تەربىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىشلەپ، كىشىلەرنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ جان دىل بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان پارتىيە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا، ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەڭ بەختلىك ماكانى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ تەڭ ئىلگىرىلىشىدىكى ھاياتلىق لىنىيىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەش كېرەك. تەربىيە ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيىنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيىسىنى سۆيۈش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىنى ھىمايە قىلىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ ۋە مۇجەسسەملەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئورتاق ئىدىيىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك.

     (3) داغدۇغا شەكىللەندۈرۈش كېرەك. جايلار، تارماقلار ‹‹ئىشنى قىلغاچ ئۆملۈكتە، قۇچتۇق شانلىق نەتىجە›› دېگەن ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، خىلمۇ خىل ئاممىۋى تەشۋىقات – تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، كۈچلۈك  جامائەت پىكرى ئاساسىي ئېقىمى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دوكلات يىغىنى، سۆھبەت يىغىنى، كونسېرت كېچىلىكى، سۈرەت كۆرگەزمىسى، زېھىن سىناش مۇسابىقىسى، مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى قاتارلىق ئەنئەنىۋى تەشۋىقات شەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئاساسىدا زامانىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاسىتە ۋە شەكىلدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، بىر قاتار جانلىق، ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەربىيە پائالىيىتىنى ئەۋجىگە  كۆتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا، ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك تەربىيە ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     (4) ھەرقايسى تەرەپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشۋىقات تارماقلىرى پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە پائالىيەت لايىھىسى تۈزۈش، تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، بىرلىك سەپ، مىللەت – دىن، مائارىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئۇلار زىچ ھەمكارلىشىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى پائالىيىتىنى بىرلىكتە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.      
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ