|
— ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى ھەققىدىكى مۇھاكىمىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
لى بىن، جاڭ جىڭيۇڭ، زۇ شېڭۋېن‹‹ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم›› 30 يىل ئىلگىرى بۇ ماقالە ئېلان قىلىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى ھەققىدە زور مۇھاكىمە قوزغىغان ئىدى. بۇ مۇھاكىمە ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ئۇلۇغ تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئىدىيىۋى يېتەكچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچقان ئىدى.
30 يىلدىن كېيىن، يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ بۇ ئۇلۇغ تارىخىي ۋەقەگە ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىكى مۇشەققەتلىك، ئەمما ھەيۋەتلىك تارىخىي مۇساپىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشەندۇقكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىدىيىنى داۋاملىق ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىققا تۈرتكە بولغاندا، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇقەررەر يېڭى پارلاق نەتىجە ياراتقىلى بولىدۇ.
قاتماللىق ئاسارىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ماركسىزملىق ئىدىيىۋى لۇشيەننى قايتا بېكىتىش
‹‹بىر پارتىيە، بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە ھەممە ئىشتا كىتاببازلىق قىلىنسا، ئىدىيە قاتمال بولسا، خۇراپاتلىق ئەۋج ئالسا، ئىلگىرىلەش بولمايدۇ، ھاياتىي كۈچمۇ بولمايدۇ، پارتىيە، دۆلەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ›› 30 يىل ئىلگىرى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنى باھالىغاندا دېگەن بۇ سۆزى تا ھازىرغىچە قۇلىقىمىز تۈۋىدە ياڭرايدۇ.
1978 – يىل 5 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىچكى ژۇرنىلى ‹‹نەزەرىيە ئەھۋالى››دا يولداش خۇ ياۋباڭ تەستىقلىغان ‹‹ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم›› دېگەن ماقالە ئېلان قىلىندى. ئەتىسى ‹‹نۇر گېزىتى››دە بۇ ماقالە ئالاھىدە تەكلىپلىك ئوبزورچى نامىدا ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى دەرھال مەملىكەتكە تارقاتتى.
يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوللىشىدا دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر قېتىملىق زور مۇھاكىمە شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت مىقياسىدا داغدۇغىلىق قانات يايدى، ئىككىلىنىش ۋە گاڭگىراش ئىچىدە قالغان ئېلىمىزدە ئىدىيىنى ئازاد قىلىش چاقىرىقى ياڭرىدى.
‹‹ئون يىللىق قالايمىقانچىلىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئېلىمىز مۇھىم تارىخىي پەيتكە دۇچ كەلدى، <سولچىل>لارنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرى ۋە <ئىككى ئومۇمەن>نىڭ چەكلىمىسى ئېغىر بولدى››. ئەينى يىلدىكى ‹‹نەزەرىيە ئەھۋالى›› ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ پروفېسسورى شېن باۋشياڭ ئەسلەپ: ‹‹ئەينى چاغدا بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى جۈرئەت ۋە شىجائەت كېرەك ئىدى›› دېدى.
مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جىڭتيەن 30 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: بۇ مۇھاكىمە خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يۆتكەشكە چاقىرىدىغان، ھەيۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى كۈچلۈك روھىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىگە ئايلاندى. ئەينى چاغدىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ مۇھاكىمە پارتىيىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىنى تولۇق نەزەرىيىۋى تەييارلىققا ئىگە قىلدى؛ يىراققا نەزەر سالغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيىۋى ئاساس سالدى.
ئەمەلىيەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئىزدىنىشنىڭ چېكى بولمايدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىدىن بۇيانقى 30 يىل پارتىيە ۋە خەلق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەمەلىيىتىدە ئىدىيىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن 30 يىل بولدى.
30 يىل مابەينىدە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىدىيىنى ئازاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن ئىبارەت ئىدىيىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزم بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنىڭ قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تىرىشىپ ئىزدىنىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىگە داغدام ئېچىلدى. ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ئىلگىرىكىلەر قىلىپ باقمىغان، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىجادىي ئىش. 30 يىلدىن بۇيان ئەمەلىيەت جەريانىدىكى ھەر قېتىملىق جاپالىق ئىزدىنىشتىن ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ شانلىق نۇرى چاقناپ تۇرىدۇ. يېزا ئىسلاھاتىدىن شەھەر ئىسلاھاتىغىچە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقىچە، دېڭىز بويى رايونلىرىدىن دەريا بويى، چېگرا رايون قاتارلىقلارغىچە ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى... ئىدىيىدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇش مىليونلىغان خەلقنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى. 30 يىلدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش گىردابىدىن تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي مىقدار جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4 – ئورۇنغا، ئىمپورت – ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3 – ئورۇنغا ئۆتتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كىيىش – تويۇش يېتەرلىك بولماسلىقتىن تەرەققىي قىلىپ ھاللىق سەۋىيىگە يەتتى، يېزىلاردىكى نامراتلار 250 مىليوندىن 10 نەچچە مىليونغا چۈشتى. بۇ، تارىخىي ھالقىش.
بىر ئۇلۇغ ئىشنىڭ تارىخقا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەمىشە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ.
ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسىگە ئالاقىدار مۇھاكىمىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 8 – ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى شاۋ خۇازې مۇنداق دېدى: ‹‹قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى پارتىيىمىزنىڭ مۇشۇنداق يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلاب جەريانىدا ماركسىزم نەزەرىيىسىدە يېڭى پەللىگە يېتىش مۇساپىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلساق، ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى ۋە تەسىرىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز››.
مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ يۈنخۇي مۇنداق دېدى: ‹‹نەزەرىيە جەھەتتىكى يېڭى تەرەققىيات ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىش بولمىغان بولسا، پارتىيىمىز ۋە ئېلىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى بولمايتتى››.
دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلىساق، ھەرقانداق بىر ئەلنىڭ چوڭ ئىسلاھاتى ۋە چوڭ تەرەققىياتى ئىدىيىدە ئويغىنىشتىن، ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتىن باشلانغان.
دۆلەت مۇزېيىدا بىر قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇ 18 بارماق ئىزى بېسىلغان يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بېرىش توختامنامىسىگە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹يەرلەرنى ئائىلىلەرگىچە ھۆددىگە بەردۇق... ئەگەر ئەپلەشمىسە، بىز كادىرلار تۈرمىدە يېتىشقىمۇ، جېنىمىزدىن كېچىشكىمۇ رازى...››
بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى ئەنخۇي ئۆلكىسى فېڭياڭ ناھىيىسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىكى دېھقانلار ئىدىيىسىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆددىگە ئېلىش قىزغىنلىقى بىلەن يۈكسەك مەركەزلەشكەن خەلق كوممۇناسى تۈزۈلمىسىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان ئىدى.
يېزىلاردا يەرنى ھۆددىگە بېرىشتىن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشقىچە، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشتىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكىچە بولغان 30 يىلدىن بۇيان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە باسقان ھەر بىر قەدەم ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ تۈرتكىسىدىن مۇستەسنا ئەمەس. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ ۋېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانى ئىدىيىدە ئازاد بولۇش جەريانى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىللىق تارىخ ئىدىيىدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولغان، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەن تارىخ››.
بۇ يىل 3 – ئايدا جېجياڭدىكى مەلۇم بىر ئاخبارات ۋاسىتىسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان بۇ ئۆلكىدىكى ‹‹ئىدىيىدە ئەڭ ئازاد بولۇش››قا مۇناسىۋەتلىك 30 ئىشنى باھالاپ چىقتى. جۇڭگودىكى تۇنجى يەككە سودا – سانائەتچى ۋېنجۇدا بارلىققا كەلگەن. 1980– يىلى ۋېنجۇلۇق 21 ياشلىق جاڭ خۇاڭمېي جۇڭگو بويىچە تۇنجى ‹‹يەككە سودا – سانائەت تىجارەت گۇۋاھنامىسى›› ئېلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى تۇنجى قانۇنلۇق يەككە تىجارەتچىگە ئايلانغان.
ئۇزاقتىن بۇيان ‹‹ۋېنجۇ ئەندىزىسى››نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ۋېنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ما جىنلۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ گۇۋاھنامە مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ۋېنجۇلۇقلار بىلەن جېجياڭلىقلارنىڭ ئىدىيىدە ئازاد بولغانلىقىنىڭ يالدامىسى. ۋېنجۇلۇقلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشتا ئىنتايىن چوڭ خەۋپكە تەۋەككۈل قىلىپ، پىلانلىق ئىگىلىكنىڭ چەكلىمىسىنى قەدەممۇ قەدەم بۇزۇپ تاشلىغان››.
تۇنجى خۇسۇسىي ئىگىلىك تەجرىبە رايونى، تۇنجى دېھقانلار شەھىرى... خەلق ئاۋىئاتسىيە كەسپىگە ئاتلىنىپ، ساھە مونوپوللۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغان ‹‹جۈنياۋ›› گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جۈنجىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ ئىشلارنى ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتۇق››.
ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلغىلى بولمايدىغان نۇرغۇن ئىش ھازىر رېئاللىققا ئايلاندى. 30 يىلدىن بۇيان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىك يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايدى. 2006 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەملىكەت بويىچە يەككە سودا – سانائەتچى 25 مىليون 760 مىڭغا يەتتى، خۇسۇسىي كارخانا 4 مىليون 900 مىڭدىن ئاشتى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ خەلق ئىگىلىكىگە قوشقان تۆھپىسى% 60تىن ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئاساسىي گەۋدىگە ئايلاندى.
چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور سەي جىمىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى تەڭ مەۋجۇت بولۇشتىن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى قىلىشقىچە ھەم <ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك>كىچە بولغان تەرەققىيات جەريانىدا تونۇشىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىدىيىۋى توسالغۇلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېڭى مۈلۈكچىلىك قارىشىنى تىكلىدۇق››.
ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيىسى ئېلىمىزنىڭ سىياسى مەنىۋىلىك قۇرۇلۇشىدا خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى. 1980 – يىلى گۇاڭشىنىڭ لۇچېڭ، يىشەن رايونلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپچىقىرىش چوڭ ئەترىتىنىڭ سىياسىي بىلەن ئىقتىساد بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي تۈزۈمىنى بۇزۇپ، دېموكراتىك سايلايدىغان، دېموكراتىك باشقۇرىدىغان، دېموكراتىك نازارەت قىلىدىغان كەنت ئاھالە كومىتېتى تەشكىلىنى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىسى ئاپتونومىيىسىنى يولغا قويدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ تۈزۈم ئېلىمىز يېزىلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يۈرگۈزۈلمەكتە.
پارتىيە قۇرۇلۇشى مۇتەخەسسىسى يې دۇچۇ مۇنداق دېدى: ‹‹كەنت ئاھالىسى بىۋاسىتە سايلاش ئېلىمىز دېھقانلىرىنىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى، شۇنداقلا ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ دېموكراتىك سىياسىي ساھەدىكى بىۋاسىتە ئىنكاسى››. 30 يىلدىن بۇيان كەنت ئاھالىسى بىۋاسىتە سايلاشتىن ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيىسى دائىرىسىگىچە، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن ئاشكارا قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشقىچە بولغان جەرياندا ئىدىيە داۋاملىق ئازاد قىلىنىپ، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.
تېخى يېقىنقى يىللاردىلا پاي چېكى كاپىتالىزمنىڭ پاتېنتى، دەپ قارىلاتتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئېلىمىزدە ھېساب ئاچقان پايچىكلار 100 مىليون كىشىگە يەتتى، شاڭخەي، شېنجېن شەھىرىدىلا بازارغا سېلىنىپ سودا قىلىنىۋاتقان پاي چېكى 1500دىن ئاشتى. 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېلىمىز پاي بازىرىنىڭ قىممىتى 32 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار بولۇپ قالدى.
1990 – يىلى 12 – ئايدا شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى قۇرۇلۇپ، ‹‹فېييۆ›› ياڭراتقۇچىلىقى، ‹‹يۈيۇەن›› سودا شەھەرچىسى، ‹‹يەنجۇڭ›› ئوقەتچىلىكى قاتارلىق سەككىز پاي چېكى بازارغا سېلىندى. دېڭ شياۋپىڭ 1992 – يىلىنىڭ بېشىدا جەنۇبنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە پاي چېكى بازىرىنى تىلغا ئېلىپ، پاي بازىرىدا ساقلىنىۋاتقان ‹‹پاي چېكى سوتسىيالىزمنىڭ نەرسىسىمۇ ياكى كاپىتالىزمنىڭ؟›› دېگەن بەس – مۇنازىرە ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹سىناپ بېقىشقا بولىدۇ، ئەمما قەتئىي تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك›› دېدى.
ئىلگىرى شاڭخەي شەھىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قوشۇمچە مەسئۇل بولغان، شاڭخەي شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جۇاڭ شياۋتيەن ئەينى چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بۇنىڭ بىلەن ئىدىيىدىكى چەكلىمىنى تەلتۆكۈس بۇزۇپ تاشلىدۇق، ئىدىيىدە ئازاد بولۇش شوئار بولۇپ قالماسلىقى، ھەقىقىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشى كېرەك››.
30 يىللىق ئىدىيىدە ئازاد بولۇش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇساپىسى ھازىرقى كىشىلەرگە چوڭقۇر ئىلھام بەردى.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركىسىزمغا قەتئىي ئىلمىي پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەك. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىدىن تارتىپ ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىدىيىسى›› ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغىچە بولغان جەريانلارغا نەچچە ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، بوشاشماي ئىزدىنىش ئەمەلىيىتىدىكى ئەقىل – پاراسىتى ۋە يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن. بۇ، ماركىسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيىتى. مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ‹‹ئىزدىنىش›› ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى شىڭ بېنسى مۇنداق دېدى: ‹‹مۇھىمى، ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، نەزەرىيىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك››.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە ھۆرمەت قىلىپ، نەزەرىيە، لۇشيەن ۋە فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تەكشۈرۈپ سىناش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ‹‹قىزىلبايراق›› نەشرىياتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى خۇاڭ ۋېيتىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە يەنىلا خەلقنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۈتكۈزۈشىگە تايىنىشىمىز كېرەك››.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر ئېلىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش كېرەك. ۋاڭ ۋېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹مەيلى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ياكى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولسۇن، مەيلى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ياكى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى بولسۇن، ھەممىسىدىلا ھازىرقى باسقۇچتىكى دۆلەت ئەھۋالى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىش كېرەك››.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى قاراش تۇرغۇزۇپ، تارىخىي تەرەققىيات ئېقىمىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، باشتىن ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىش كېرەك. شېن باۋشياڭ مۇنداق دېدى: ‹‹يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا جەزمەن دۇنياۋى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، مەردانىلىك، ماھىرلىق بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش كېرەك››.
ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. خۇاڭ ۋېيتىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹دېموكراتىيىنى تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشتەك دېموكراتىيە روھىغا ھەقىقىي يۈزلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيىۋى ھاياتىي كۈچىنى تىرىشىپ قوزغىتىش كېرەك››.
يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىدىيىدە ئازاد بولۇش داۋامىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش
ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش مەڭگۈ توختىمايدۇ، ئىدىيىدە ئازاد بولۇشمۇ مەڭگۈ توختىمايدۇ. ‹‹ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇشتا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت مەركەزنى زىچ چۆرىدىشىمىز كېرەك›› دېدى لى جىڭتيەن.
يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرغاندا كىشىلەر تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن مەزگىلى ۋە زىددىيەت گەۋدىلىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ بىر قاتار يېڭى خىرىس، يېڭى سىناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئىلمىي تەرەققىياتنى چەكلەيدىغان تۈزۈلمە، مېخانىزملىق توسالغۇنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى؛ يىرىك تەرەققىيات شەكلىنىڭ تېخى تولۇق ئۆزگەرمىگەنلىكىنى؛ شەھەرلەرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىغا سەل قاراش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا سەل قاراش خاھىشىنىڭ بىر مەزگىل ئاسانلىقچە تۈپتىن ئۆزگەرمەيدىغانلىقى...نى كۆرىدۇ.
‹‹ئىدىيىدە ئازاد بولۇش بىلەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ھازىر ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمىنى مۇھاكىمە قىلىشىمىزنىڭ ئەڭ ياخشى خاتىرىسى›› دېدى شىڭ بېنسى.
ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىدىيىدە ئازاد بولۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنىڭ ئاممىنىڭ ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا يەنىمۇ يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتىكى يېڭى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەش ئىكەنلىكىنى كۈنسايىن تونۇپ يەتمەكتە.
گۇاڭدۇڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققىي قىلغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدىيىدە داۋاملىق ئازاد بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ‹‹يول ئېچىش›› جاسارىتى بىلەن ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى يول تېپىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىدا مال باھاسىنى ئالدىن قويۇۋېتىپ، سىناق تەرىقىسىدە تاشقى پېرېۋوت مەركىزى قۇرغان شېنجېنلىقلار ئىدىيىدە ئومۇميۈزلۈك ئازاد بولۇش ئارقىلىق ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونى خەينەن ئۆلكىسى ئوخشاشلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىدا ماڭغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنى ئۆزىنىڭ زور مەسئۇلىيىتى ۋە گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى قىلىپ، مەڭگۈ قاتماللاشماسلىق، مەڭگۈ توختاپ قالماسلىق روھىي ھالىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ يىل پۇدۇڭ يېڭى رايونى قۇرۇلغان ۋە ئېچىۋېتىلگەنلىكىنىڭ 18 يىللىقى. پۇدۇڭنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تۇنجى قېتىم بەرپا قىلىشتىن دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق نۇقتا رايونىغا ئايلىنىپ، پۇدۇڭنىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىدىيىدە ئازاد بولۇش داۋامىدا يېڭى پۇرسەت ياراتقانلىقىدا.
پۇدۇڭ يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى كۆپ يىل ئۆتىگەن جاۋ چىجېڭ مۇنداق قارىدى: پۇدۇڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىدىيىۋى نەتىجىسى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش نەتىجىسىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ نەتىجە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنى چەت ئەلنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئېلىمىزنىڭ ۋە ئۆز يېرىمىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە قانداق تەتبىقلاشتىن ئىبارەت.
شەھەر، يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىكى يېڭى ۋەزىپە. ئىدىيىدە يەنىمۇ ئازاد بولغاندىلا، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى چۈشەپ تۇرغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. يېرىم يىل كەڭ ھەم چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق چۇڭچىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى شەھەر، يېزا ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى.
يېڭى تارىخىي پەللىدە ئىدىيىدە ئازاد بولۇشتا چوقۇم ‹‹قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قانداق تەرەققىي قىلىش››تىن ئىبارەت دەۋر تېمىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ۋاڭ ۋېيگۇاڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بۇ، بىزنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق ئىدىيىۋى قاراش ۋە توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئىدىيىسى، تەرەققىيات تەپەككۇرى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق يولىدا مېڭىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ››.
30 يىل ئىلگىرى ئېلىمىزدە ئىدىيىدە ئازاد بولۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى يولى ئېچىلدى؛ 30 يىلدىن كېيىن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىدىيىدە ئازاد بولۇشقا ئەگىشىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چوقۇم يېڭى سەھىپە ئاچالايمىز.
|