باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
قادىر باقى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا 2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى
2008- 05- 19 12:50 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       مۇشۇ ئاينىڭ 17- كۈنى، مەملىكەت بويىچە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى قادىر باقى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا 2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلدى.

       مەملىكەت بويىچە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش نەمۇنىچىسى قادىر باقى بوۋاي سىچۈەندە كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، كۇچا ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا تېلېفون بېرىپ، ئاپەت رايونىغا 2 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇچا ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەخەت مۇسا مۇنداق دېدى: قادىر بوۋاينىڭ سىچۈەندىكى ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان 2 مىڭ يۈەن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى يار بەرمىگەچكە، ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئىشخانىسى، قىزىل كرېست جەمئىيىتى خادىملىرى لەنگەر كەنتىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئىئانە پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.

       يېشى 70 تىن ھالقىغان قادىر باقى بوۋاي ئۆزىنىڭ كۈندۈلۈك خاتىرىسى بىلەن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ ئۇدا 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى خەلقنى سۆيۈشتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى خاتىرىلەپ كەلگەن. قادىر باقى بوۋاي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە، شۇنچە كۆپ ئامما ئاپەتكە ئۇچراپ، ئۆي- ماكانىدىن ئايرىلىپ قالدى، ئۇلارغا ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلاپ، بۇ ئازغىنە پۇلنى ئىئانە قىلدىم، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان ئىچكىرىدىكى قېرىنداشلار بىزگە نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى، ھازىر سىچۈەندىكى قېرىنداشلار ئاپەتكە ئۇچراپ قىيىنچىلىقتا قالدى، ئۇلارغا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش بىزنىڭ بۇرچىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز، ئۇلارنىڭ يۇرت- ماكانىنى بالدۇرراق قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ