|
شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببىتى ۋە دوستلۇقى مۇجەسسەملەشكەن 20 توننا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرى 3 سائەتتە چېڭدۇغا بىخەتەر يەتكۈزۈلدى، بۇ تۈركۈمدىكى ماددىي بۇيۇملار ئىچىدە، تەييار چۆپ، كولباسا، سۈت پاراشوكى ۋە بىر قىسىم دورا ماتېرىياللىرى بار، ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تۈركۈمدىكى ماددىي بۇيۇملار ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار كېچىلەپ ياققان 20 مىڭ نانمۇ بار، بۇ ماددىي بۇيۇملار سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېغىر بولغان چىڭچۈەن ناھىيىسىگە ۋاقتىدايەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتى نەپىقە بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ چېڭۋېن سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋەكالىتەن بۇ ماددىي بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خەلقىگە رەھمەت، سىچۈەن خەلقى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ھەر مىللەت خەلق ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، مەن ئاپەت رايونىدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋەكالىتەن ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ ئايرۇپىلان- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاپەت رايونىغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى توشۇغان تۇنجى ئايرۇپىلان بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ يۇ مۇنداق دېدى: ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز مەخسۇس ئاپرۇپىلاندا ماددىي بۇيۇملارنى ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇردى، بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش كېرەك. تۈنۈگۈن يەتكۈزۈلگەن ماددىي بۇيۇملار تۇنجى تۈركۈمدىكى ماددىي بۇيۇملار . كېيىنكى قەدەمدە يەنە تۈرلۈك شەكىل، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئاپەت رايونىغا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرىنى داۋاملىق يەتكۈزۈپ تۇرىمىز.
|