باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان پۇل 86 مىليون 866 مىڭ 900 يۈەنگە، ئىئانە قىلغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى
2008- 05- 19 12:39 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئاپەت رايونىغا ئىئانە قىلغان پۇلى 86 مىليون 866 مىڭ 900 يۈەنگە يەتكەن، ئىئانە قىلغان ماددىي بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
       سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبنى  تېترەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئاپەت رايونىغا پائال پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كۆرسەتمە بېرىپ، ئاپەت رايونىغا دەرھال ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەر قايسى جايلار، ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت كادىرلىرى، خەلق ئاممىسى تېزلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىش دولقۇنىنى قوزغىدى ھەمدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 31 توننا ماددىي بۇيۇم ۋە دورا ماتېرىياللىرى جۇغلاندى.
       ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە جۇغلانغان 3 مىڭدىن كۆپرەك چىدىر پويىز ئارقىلىق ئارقا - ئارقىدىن ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن، قۇمۇل ۋىلايىتى جۇغلىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 6 توننا ماددىي ئەشيا 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەتىگەندە تاشيول قاتنىشى ئارقىلىق ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈپ بېرىلگەن، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8 دە، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ماددىي بۇيۇملىرى قاچىلانغان تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس ئايرۇپىلان ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدرومدىن يولغا چىققان. ئاپتونوم رايونىمىز دىكى 20 مىليوندىن كۆپرەك ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر مېھرى - مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن 31 توننا ماددىي بۇيۇم تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئارقا - ئارقىدىن ئاپەت رايونىغا يەتكۈزۈلگەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ