|
مەمۇرىي ھەق ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ جامائەت مەنپەئىتىدىن باشقا ئىقتىسادىي مەنپەئىتى ھېسابلىنىدۇ. مەمۇرىي ھەق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرى ئوتتۇرىسىدا نېگىزلىك توقۇنۇش بولغانلىقتىن، ئۆز تارمىقىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغلىشىش ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ قالغان. شۇڭا تارماقلار مەنپەئىتىنى قوغلىشىش ۋەزىيىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن مەمۇرىي ھەق مەسىلىسىنى چوقۇم ھەل قىلىش كېرەك.
‹‹مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى››دا مەمۇرىي ئورگانلار مەمۇرىي ئىجازاەتنى يۈرگۈزگەندە ۋە مەمۇرىي ئىجازەت تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلغاندا، ھېچقانداق ھەق ئالماسلىقى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە باج ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي كىرىمىدۇر. باج ئالغاندىن كېيىن ھۆكۈمەت گراژدانلار ئۈچۈن ئىش قىلىپ بەرگەندە باشقا ھەق ئالماسلىقى كېرەك(ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىشلىرىدىن باشقا ئىشلاردا). شۇڭا قېلىپلاشقان بازار ئىگىلىكىدە مەمۇرىي ھەق ئېلىش ئۇقۇمى بولماسلىقى كېرەك، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ جەھەتتە قانۇن چىقارماسلىق كېرەك. ھازىر بىز چوقۇم ئېنىقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، مەمۇرىي ھەق ئېلىشنى تەدرىجى تۈگىتىشىمىز، بۇنى نىشان قىلىشىمىز كېرەك. ھەرگىز مەمۇرىي ھەق ئېلىش ئۈچۈن قانۇن چىقىرىپ، ھەق ئېلىش قانۇنلۇق، دېگەن نەتىجە ھاسىل قىلماسلىقىمىز كېرەك.
‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر›› دىن
|