|
گوۋۇيۈەننىڭ ئۇقتۇرۇشى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18 – ماي تېلېگراممىسى. مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بەختىسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا بولغان چوڭقۇر قايغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنىدىن 21 – كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ماتەم كۈنى قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ ۋاقىتتا مەملىكىتىمىزدىكى ۋە چەت ئەللەردىكى ھەرقايسى ئاپپاراتلار بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈپ ماتەم بىلدۈرىدۇ، جامائەت كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى توختىتىلىدۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە ۋە ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانلىرى،كونسۇلخانىلىرىدا تەزىيە بىلدۇرۇش دەپتىرى قويۇلىدۇ. 5 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سائەت 14دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، مەملىكەت بويىچە ئۈچ مىنۇت ماتەم تۇتۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوتلاردا گۈدۈك ئاۋازى ۋە ھاۋادىن مۇداپىئە كۆرۈش تېۋىرگا سىگنالى ياڭرايدۇ.
|