|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 14 – ماي تېلېگراممىسى. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا قارىغاندا، 14 – ماي سائەت 16گىچە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قازا قىلغانلار 14 مىڭ 463 كىشىگە يەتكەن.
سىچۇەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت 14 – ماي چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چېڭيۈن مۇنداق دېدى:‹‹ ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلكە بويىچە 17 شەھەر، ئوبلاست(سىچۇەندە جەمئىي 21 شەھەر، ئوبلاست بار) ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىدى، 14مىڭ 463 كىشى قازا قىلدى، 1405 كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوق، 25 مىڭ 788 كىشى خارابە ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالدى، 64 مىڭ 746 كىشى يارىلاندى، 4 مىليون 150 مىڭ ئۆي بۇزۇلدى، 216 مىڭ ئۆي ئۆرۈلدى››.
لى چېڭيۈن مۇنداق دېدى:‹‹ئابا ئوبلاستىدىكى يوللار يەر تەۋرەشتە ئېغىردەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقتىن ۋېنچۈەن ناھىيىسىگە بارىدىغان يوللار تېخىچە ئېچىلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالاقىلىشىش ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتى زور قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ››.
|