|
سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە ئىشخانىسى جەمئىيەتكە ‹‹ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا پۇل ئىئانە قىلىشقا ئائىت ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر بەس – بەستە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، مېھرىبانلىقىنى يەتكۈزۈپ، سىچۇەندىكى ئاپەت رايونىغا پائال پۇل ئىئانە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ‹‹بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا،ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش›› – تەك ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تولۇق نامايان قىلدى. لېكىن ھازىر جەمئىيەتتە ئايرىم تىجارەتچىلەرنىڭ سودا مەنپەئىتىنى كۆزلەپ، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغانلىقى، ئايرىم ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئەلئارا تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا پۇل ئىئانە قىلىش نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىپ ئىئانە توپلاۋاتقانلىقى بايقالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش. پۇل ئىئانە قىلىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە ئىشخانىسى، خەيرىيەت باش جەمئىيىتى (ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىدا تەسىس قىلىندى) ، قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە بېرىپ پۇل ئىئانە قىلىشىنى سورايمىز.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە ئىشخانىسى 2008 – يىل 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى
|