باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق بولىدۇ ،يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18بولىدۇ
ياپونىيىنىڭ تۈنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى چېڭدۇغا يېتىپ كەلدى
2008- 05- 16 10:28 تەڭرىتاغ تورى

    

ياپونىيىنىڭ تۈنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرى چېڭدۇغا يېتىپ كەلدى

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 16 – ماي تېلېگراممىسى : ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سىچۈەننىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىشىكە ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 31 نەپەر مەخسۇس قۇتقۇزۇش خادىمى بۈگۈن(16 – ماي) سەھەر سائەت 3 تە چېڭدۇغا يېتىپ كەلدى ھەمدە دەرھال چىڭچۈەن ناھىيىسىنىڭ گۈەنجۇاڭ بازىرىغا قاراپ يولغا چىقتى . ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سىچۈەنگە ياردەمگە ئەۋەتىدىغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى 29 نەپەر مەخسۇس قۇتقۇزۇش خادىملىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىت بويىچە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن چېڭدۇغا يېتىپ كېلىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىكەن .  

ياپونىيە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى

       دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ ياردەمچىسى لى ۋېنلياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى قېتىم چەت ئەللىك مەخسۇس قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشى ئىكەن .

     ئىگىلىنىشىچە ، ياپونىيە تەرەپ ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈمدىكى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ كۆپ قىسمى مەخسۇس ئاختۇرۇپ قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولۇپ ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە  ئوت مۇداپىئە ، ئالاقىلىشىش ھەمدە داۋالاش خادىملىرىمۇ بار ئىكەن .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ