|

پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيدان
شىنخۇا تورى لاگوس 15 – ماي تېلېگراممىسى : نىگېرىيە ساقچى تەرەپنىڭ 15 – ماي كەچتە دەلىللىشىچە ، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەر ئەتراپىدا نىگېرىيىنىڭ ئىقتىسادىي مەركىزى لاگوسقا يېقىن جايدىكى ماي يوللاش تۇربىسى پارتلاپ كېتىپ ، 100 ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ قېتىمقى ھادىسىنى بىر ئېغىر تىپلىق توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ ، بۇ توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى قۇرۇلۇش قىلىۋاتقاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن ماي يوللاش تۇربىسىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەنلىكتىن تۇربا يولى يېرىلىپ ، پارتلاش يۈز بەرگەن . پارتلاش ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا يۈز بەرگەن بولۇپ ، پارتلاش يۈز بەرگەن رايونىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان .

ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ئامما پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرمەكتە
|