|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 12- ماي چۈشتىن كېيىن ، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيسىدە 7.8 بال كۈچلۈك يەر تەۋرىگەنلىك خەۋىرى قەشقەر ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، قەشقەردىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئاپەت رايونىغا بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ ، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بولغان كۆڭلىنى ئىپادىلىدى. قەشقەر ۋىلايىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون. ئۆتكەن بىر قانچە قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى قاتارلىق ئۆلكە ، رايونلىرى قەشقەردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بىلەن شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك قويۇق مۇناسىۋىتىنى نامايەن قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم سىچۈەن ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمە جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا پۇل ئىئانە قىلىشنى ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداشلارغا جاۋاپ قايتۇرۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ھەمدە نۆۋەتتە ، قانات يايدۇرۇلىۋاتقان 27- قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئېيى پائالىيتىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى. مۇخبىرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، 14- ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 4 كىچە ، ۋىلايەت بويىچە ئىدارە ئورۇنلار 239 مىڭ يۈەن، شەخسىلەر 42680 يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلغان. نۆۋەتتە ، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيتى پۈتۈن قەشقەر دىيارىدا داغدۇغۇلۇق قانات يايدۇرۇلماقتا.

سۈرەتتە: 14- ماي، قەشقەر شەھىرىنىڭ چاسا كوچا باشقارمىسىدىكى كادىرلار پۇل ئىئانە قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەر خىزمەت خەۋىرى ، فوتوسى: مارالبېشى ناھىيسىنىڭ ئاۋات بازىرىدىكى كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۈەن ناھىيىسى قاتارلىق رايونلاردىكى قېرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۇلارغا بەس-بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ ، كۆڭلىنى ئىزھار قىلدى. بۇگۈن (5-ئاينىڭ 15-كۈنى) بازار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارغا پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا ئورگان كادىرلىرى ، ئورۇن ، پونكىت ، كوپراتىپ ، مەكتەپلەردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچىلار 20مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم قولىنى سۇنۇشتەك ئىسىل پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى.

سۈرەتتە:مۇراسىمدا بازار رەھبەرلىرى باشلامچىللىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامىنە ھەمدۇل خەۋىرى، فوتوسى : قاراشەھەر ناھىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشچى خىزمەتچىلەر ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەردىن بولۇپ 4500 گە يېقىن كىشى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كەچ سائەت ئالتىگىچە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېن چۈەن ناھىيىسى قاتارلىق ئاپەت يۈز بەرگەن رايوىدىكى قېرىنداشلارغا 113 مىڭ 990 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى. ھازىر بۇ ناھىيىنىڭ ھەرقايسى يېزا ( بازار)، مەيدانلىرى، زاۋۇت كارخانىلىرى ۋە كەنت گۇرۇپپىلىرىغىچە بولغان جايلىرىدا ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى قېرىنداشلارغا پۇل ئىئانە قىلىش يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

سۈرەتتە: ناھىيىلىك پارتكوم ئورگىنىدىكى كادىرلار پۇل ئىئانە قىلماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇختەر نۇرمۇھەممەت خەۋىرى : ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ چارۋىچىلىق تارماقلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا 24 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى . 5-ئاينىڭ 14-كۇنى چۇشتىن بۇرۇن ، ئاقتۇ ناھىيىلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى ئۆز تارمىقىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ، سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەر قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 24 مىڭ 100 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ ، جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچۇرسا ھەممە كىش ياردەم قولىنى سۇنۇشتەك ئېسىل ئەخلاقىي پەزىيلىتىنى نامايەن قىلدى .
|