|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ماي تېلېگراممىسى. سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋچۈنئەن 13 – ماي مۇنداق دېدى:‹‹ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن يارىدارنى قۇتقۇزۇشقا توغرا كەلدى. ھازىر ناھايىتى كۆپ قانغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىمىز، ئاممىنىڭ خالىس قان تەقدىم قىلىپ، ئاپەت بولغان رايوندىكى داۋالاش – قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››
ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى:‹‹ ئاپەت بولغان رايوندىن ئىگلىشىمىزچە، ھازىر ئۇيەردىكى داۋالاش خادىملىرى قان ۋە قان پلازمىسىغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋېتىپتۇ. جىددىي قۇتقۇزۇشقا كېرەكلىك قان بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىكى بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، شەندۇڭ قاتارلىق جايلاردىن كېچىلەپ نۇرغۇن قان ۋە سۈنئىي قان پلازمىسى يۆتكىدى، 13 – ماي داۋالاش ئەترىتىدىكىلەر ئاپەت رايونىغا جىددىي توشۇدى. قىسمەن رايوندىكى قان ۋە قان پلازمىسى ئاپەت بولغان رايونغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، يەرلىكتە قان ئىشلىتىش جىددىي بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ئاممىنىڭ خالىس قان تەقدىم قىلىش پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز››.
|