|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ماي تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىكى 13 – ماي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركەز مالىيىسىدىن 860 مىليون يۈەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتقانلىقىنى جاكارلىدى.
مالىيە مىنىستىرلىكىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: مەركەز مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان 860 مىليون يۈەن مەبلەغنىڭ 700 مىليون يۈەنى 12 – ماي كەچتە سىچۇەنگە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى قىلىپ چۈشۈرۈپ بېرىلىپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 500 مىليون يۈەن ئۇنىۋېرسال مالىيە ياردەم مەبلىغى بولۇپ، ھەر قايسى جەھەتتىكى خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدىكەن؛ 200 مىليون يۈەن تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش ياردەم پۇلى مەبلىغى بولۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدىكەن.
قالغان 160 مىليون يۈەن مەركەز مالىيىسى 13 – ماي گەنسۇ، شەنشى، يۈننەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلارغا جىددىي چۈشۈرگەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى مەبلىغى بولۇپ، گەنسۇ بىلەن شەنشىگە 50 مىليون يۈەندىن، يۈننەن، چۇڭچىڭغا 30 مىليون يۈەندىن چۈشۈرۈلۈپتۇ.
|