باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بولۇتلۇق بولىدۇ ،يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃28،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃18بولىدۇ
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى يەنە يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى
2008- 05- 15 09:57 شىنجاڭ گېزىتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 14 – ماي تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتى 14 –  ماي يەنە يىغىن ئېچىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، تالاپەتكە ئۇچرىغانلار كۆپ، قۇتقۇزۇش قىيىنچىلىقى زور بولۇپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى كەسكىن خىرىس ۋە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. مەركەز جايلار، ئالاقىدار تارماقلاردىن چوقۇم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ تەخىرسىز ۋەزىپە قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي، داۋاملىق جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.

     1.قاپسېلىپ قالغان ئاممىنى قۇتۇلدۇرۇشنى  ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئازراق ئۈمىد بولسىلا، پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ قۇتۇلدۇرۇش كېرەك. مەركەز خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم، ج خ ئوت ئۆچۈرۈش ئالاھىدە ساقچىلىرىنى يەنە ئەۋەتىپ ھەم ئۇلارغا زۆرۈر ئۈسكۈنە ۋە سايمانلارنى سەپلەپ بېرىپ، ئاپەت رايونىدىكى 1 – سەپكە دەرھال ئاتلاندۇرۇپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

    2. جايلار ۋە قىسىملاردىن داۋاملىق تېببىي خادىملارنى ئاجرىتىپ، داۋالاش ئەترىتى ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش ھەم ساقلىقنى ساقلاش – يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاپەت رايونىدا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يامراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

     3. ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپەت رايونى جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان يېمەكلىك، سۇ، كىيىم – كېچەك، يوتقان – كۆرپە، چېدىر قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى داۋاملىق توپلاپ ۋە يۆتكەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەقىقىي ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا بولغان ئىدىيىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت رايونىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

     4. يول، توك، ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى رېمونت قىلىشنى چىڭ تۇتۇش، ئاپەت رايونىغا بارىدىغان تاشيول قاتنىشىنى بارلىق ئاماللار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يەنە قالدۇق ئاپەت يۈز بېرىشىنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىپ، يېڭى زىيان كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش كېرەك.

    5. يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، ئىلمىي ماسلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئائىت قارار، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

      مەركىزىي كومىتېت پارتىيىدىكى بارلىق يولداشلار ۋە مەملىكەتتىكى ئارمىيە، خەلقنىڭ تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەممىدە ئاپەت رايونىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپەت رايونىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشىنى چاقىرىق قىلدى. مەركىزىي كومىتېت شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئامما قەتئىي باش ئەگمەي، جەسۇرانە كۈرەش قىلسا، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتىنى نامايان قىلسا، مەملىكەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىدىغان سوتسىيالىستىك ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرسا، بىز بۇ پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش ئاپىتى ئۈستىدىن چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ