باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى يۇقىرى تېمپېراتۇرا گىلرەڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقاردى
2008- 05- 14 12:02 شىنجاڭ گېزىتى

     ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 13 – ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 16 دە يۇقىرى تېمپېراتۇرا گىلرەڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چىقىرىپ ، ئالاقىدار رايونلارنى مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئاگاھلاندۇردى .

     ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدا مۇنداق دېيىلدى : 14 – ماي كۈندۈزى جەنۇبىي ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئكزلىشى ، شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ بويلىرى ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ، بايىنغۇلىن ئوبلاستنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئويمانلىقىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃35 قا چىقىشى ، شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ بويىلىرى ، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃38 قا چىقىشى ، تۇرپان ، پىچان ، توقسۇن ئويمانلىقىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃41 قا چىقىشى مۇمكىن .

     ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى جايلارنىڭ مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلىشىنى ھەم ئوت ئاپىتى ۋە تاغلىق رايونلاردىكى قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈن ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەۋسىيە قىلدى .

     شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى كەلگۈسى ئۈچ كۈنلۈك ھاۋا رايى مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى . 15 – ماي كۈندۈزدىن كېچىگىچە ئىلى دەرياسى ھەۋزىسى ، بورتالا ئوبلاستى ، تارباغاتاي ۋىلايىتى ، تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر يېغىشى مۇمكىن . بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىشى ، شىمالىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا ئالتە – يەتتە بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىشى مۇمكىن . 13 – ماي كېچىدىن 14 – ماي كۈندۈزگىچە ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئېچىلىپ ، كېيىن بۇلۇتلىنىدۇ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20 بولۇپ ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ .

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ