|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش – ئۆلچەش ئىستانسىسى تورىنىڭ خەۋىرى ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، 2003 – يىلىدىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا يۈز بەرگەن 5.0بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرەشلەر تۆۋەندىكىچە:
2008 – يىل 24 – ئاپرېل تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىزدا 6.1 بال يەر تەۋرىگەن.
2008 – يىل 30 – مارت گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۈگۇ ئاپتونوم ناھىيىسىدە 5.0بال يەر تەۋرىگەن.
2008 – يىل 24 – مارت شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 7.3بال يەر تەۋرىگەن.
2008 – يىل 21 – مارت يۈننەندىكى يىڭجياڭدا 5.0 بال يەر تەۋرىگەن.
2008 – يىل 9 – يانۋار شىزاڭنىڭ ئالىي رايونى گەيزې ناھىيىسىدە 6.9بال يەر تەۋرىگەن.
2007 – يىل 23 – ئىيۇل تەيۋەن خۇاليەننىڭ شەرقىدىكى يېقىن دېڭىز رايونىدا 5.5 بال يەر تەۋرىگەن.
2007 – يىل 20 – ئىيۇل شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيىسى تەۋەسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىگەن.
2007 – يىل 5 – ماي شىزاڭنىڭ ئالىي رايونىدىكى رىتۇ ناھىيىسى بىلەن گەيزې ناھىيىسى تۇتىشىدىغان جايدا 6.1 بال يەر تەۋرىگەن.
2007 – يىل 3 – فېۋرال چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ خەيشى موڭغۇل – زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا 5.5 بال يەر تەۋرىگەن.
2007 – يىل 25 – يانۋار تەيۋەننىڭ شەرقىدىكى دېڭىزدا 5.5 بال يەر تەۋرىگەن.
2005 – يىل 26 – نويابىر جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جيۇجۇ شەھىرى تەۋەسىدىكى جيۇجۇ ناھىيىسى بىلەن رۈيچاڭ شەھىرى ئارىلىقىدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەن، ئارقىدىن كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن.
2004 – يىل 10 – ئاۋغۇست يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى لۇديەن ناھىيىسىدە 5.6 بال يەر تەۋرىگەن.
2003 – يىل 1 – دېكابىر شىنجاڭنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىگەن.
2003 – يىل 15 – سېنتەبىر يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى لۇديەن ناھىيىسىدە 5.1 بال يەر تەۋرىگەن.
2003 – يىل 21 – ئىيۇل يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ چۇشيۇڭ يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى داياۋ ناھىيىسىنىڭ تەنخۇا يېزىسى ئەتراپىدا 6.2 بال يەر تەۋرىگەن.
2003 – يىل 9 – ئىيۇن تەيۋەندىكى يىلەن بىلەن سۇئاۋ ئارىلىقىدا 5.8 بال يەر تەۋرىگەن.
|