|
غەربتىكى بەزى دۆلەتلەردە جۇڭگونى ‹‹ئالۋاستىلاشتۇرۇپ›› كۆرسىتىدىغان رەزىل ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلماقتا. ئۇلار ‹‹ئاپتونومىيە›› نى بايراق قىلىپ، ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› نى قوللىماقتا. ئۇلار بۇ نىشانغا يەتسە، كېيىنكى نىشانى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق باشقا رايونلىرى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى 56 مىللەتتىن تەشكىللەنگەن كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭگونى پارچىلاش.
ئامېرىكا ‹‹لاما ئىنقىلابى›› قىلماقچى
‹‹ بۇ يىل 3 – ئايدا شىزاڭدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ ۋاشىنگتون يېقىندا پىلانلىغان <رەڭلىك ئىنقىلاب>، بۇ، ئىلگىرى ئۇكرائىنا، بىرمىدا يۈز بەرگەن <رەڭلىك ئىنقىلاب> ئەندىزىسى بىلەن بىردەك››. ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا سىياسىي ئىقتىسادشۇناسى ۋىليام ئېندال 4 – ئاينىڭ بېشىدا يازغان ‹‹ۋاشىنگتون بىلەن جۇڭگو نېمە ئۈچۈن <شىزاڭ ئايلانما دېسكىلىق قىمارى> ئوينايدۇ؟›› سەرلەۋھىلىك ماقالىدە شىزاڭدا يۈز بەرگەن توپىلاڭ ‹‹لاما ئىنقىلابى›› دېيىلدى. خەلقئارا جۇغراپىيىلىك سىياسىيسى، ئىقتىساد ۋە نېفىت مەسىلىسىگە ئاساسلىق ھۇجۇم قىلىدىغان بۇ مەشھۇر ئالىم مۇنداق قارىدى: بۇلتۇر 10 – ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش دالاي بىلەن ئاشكارا كۆرۈشكەندىن باشلاپ، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن ‹‹خەتەرلىك يەر سىياسىيسى ئويۇنى›› ئوينىماقچى بولغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ چەت ئەلدىكى ‹‹شىزاڭ مۇستەقىللىقى›› تەشكىلاتلىرى ھەرىكەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بۇ يىل 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى لاسادا ۋەقە تۇغدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپالىقلار بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشتى.
ئېندال: بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا جۇڭگونىڭ دۆلەت مۇقىملىقىنى بۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى، دەپ قارىدى. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ‹‹لاما ئىنقىلابى›› نى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغان قارا قوللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تەجرىبىلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ‹‹غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى ئەركىن ئائىلىسى›› قاتارلىقلار بار، ‹‹مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت شۇكى، دالاي دارامسالاغا قېچىپ بارغان كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە غەرب ئاخبارات ئورگىنى ياكى غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان ۋە ماددىي ياردەمگە ئېرىشكەن››.
‹‹لاما ئىنقىلابى›› دىن باشقا، چەت ئەللىك ئالىملار يەنە غەرب ‹‹پسىخىكا ئۇرۇشى›› نى قوللىنىپ، ‹‹شىزاڭ كوزىرى›› نى چىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق جۇڭگوغا تاقابىل تۇرماقتا، دېدى. كانادا دۇنياۋىلىشىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ‹‹برىتانىيە قامۇسى›› غا ماقالە يازغان ماك كوسىدوۋسكىي 14 – ئاپرېل ‹‹شىزاڭنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى پسىخىكا ئۇرۇشى›› دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يالغان خەۋىرىنىڭ يادروسىغا ئايلاندى، دېدى. ئۇ شىزاڭدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق توپىلىڭىنى ‹‹ئەستايىدىل ئوينالغان ۋەقە›› دېدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونى ئەيىبلىگەنلىكتىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ پىتنە – ئىغۋا تېرىش ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا باشلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلەر بار.
غەربنىڭ كەلگۈسىدىكى غەرىزى شىزاڭدىن پايدىلىنىپ ئاغدۇرمىچىلىق قىلىپ، جۇڭگونى قاقتى – سوقتى قىلىش
زادى قانداق سەۋەب غەربنى شىزاڭغا بۇنچىۋالا قىزىقتۇرغان؟ يېقىندا چەت ئەل تور پونكىتىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ‹‹شىزاڭ كوزىرى›› ماقالىسىدە تۇنجى سەۋەب كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى سولايا تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: تەبىئىي مۇھىتى مۇكەممەل ساقلانغان شىزاڭدا زاپىسى ئىنتايىن مول ئۇران كېنى بار، يەنە ئالتۇن، مىس ۋە كۆپ مىقداردا نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىقى ساقلانغان. بۇ، غەربنىڭ شىزاڭغا كۆز تىكىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئېندالمۇ ئوخشاش قاراشتا بولۇپ: ‹‹شىزاڭدا ئىنتايىن مول قېزىلما بايلىق ۋە ئېنېرگىيە ساقلانغان، كۆپ مىقداردا ئۇران، لىتىي بار؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسىيادىكى يەتتە چوڭ دەريانىڭ مەنبەسى بولۇپ، مول سۇ بايلىقى بار. شۇڭا، شىزاڭنى كونترول قىلغاندا، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ››، دېدى.
جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ شىشېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ‹‹شىزاڭنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىي رولى ھەقىقەتەن ئىنتايىن مۇھىم. ئىلگىرى شىزاڭ روسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تالىشىش ئوبيېكتى ئىدى، بۇ يەر نۇرغۇن دەريانىڭ مەنبەسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك توسىقى بولۇپ كەلگەن. 2006 – يىلىدىكى ماتېرىيالغا قارىغاندا، شىزاڭدا 101 خىل قېزىلما بايلىق تەكشۈرۈپ چىقىلغان، 2000 نەچچە ئورۇندا قېزىلما بايلىق تېپىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، خروم بىلەن مىسنىڭ زاپىسى جۇڭگودا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، شىزاڭنىڭ قېزىلما بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن، شىزاڭدا گېئولوگىيىلىك چارلاش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ سان يەنە كۆپىيىدىكەن.
كوسىدوۋسكىيمۇ ماقالىسىدە: ئامېرىكىنىڭ شىزاڭدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك غەرىزى جۇڭگونى ئاغدۇرۇپ ۋە قاقتى – سوقتى قىلىپ، پايدىلىق جۇغراپىيىلىك سىياسىي، ئىقتىسادىي مۇھىتقا ئېرىشىش ھەم شىزاڭ رايونىدىكى تەبىئىي بايلىققا ئېرىشىش، دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاشىنگتون يەنە ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى›› دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ۋە ھىندىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى كونتروللۇقىنى ساقلاپ، ھەربىي جەھەتتە روسىيىنى تېخىمۇ پۇختا قورشىۋالالايدۇ.
‹‹شىزاڭ كوزىرى›› دىن پايدىلىنىپ ئاممىنىڭ نەزەرىنى يۆتكەش
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ دۆلەت كۈچى تېز ئاشتى، ھەتتا بەزى غەربلىكلەر بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلىنىۋاتقاندا، جۇڭگوغا قارىتىلغان يېڭى جۇغراپىيىلىك سىياسىي ئويۇن باشلاندى، ‹‹دېموكراتىيە كوزىرى››، ‹‹ئەركىنلىك كوزىرى››، ‹‹شىزاڭ كوزىرى›› كۆتۈرۈپ چىقىرىلدى. لېكىن، غەرب نېمە ئۈچۈن مۇشۇ ۋاقىتنى تاللاپ، ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى›› نى كۈچەپ خەلقئارالاشتۇرىدۇ؟ غەربلىك بىرقانچە ئالىمنىڭ كۆز قارىشى بىردەك بولۇپ، يەنى ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، كرىزىس نەزەرىنى يۆتكىمەكچى. كوسىدوۋسكىي مۇنداق قارىدى: ئامېرىكىنىڭ مەقسىتى جۇڭگونى شىزاڭدا ‹‹ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى – تەرۇز قىلدى›› دەپ تەنقىدلەش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئىنسانىي ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشتەك ئەسكىلىكلىرىگە بولغان دىققىتىنى بۇرمىلاش ھەم ئو ت م دىن پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا خەلقئارانىڭ ئىشەنچىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. ئېندار: ۋەقەنىڭ مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ‹‹ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالغانلىقى››، شۇنىڭدەك ‹‹ئامېرىكىنىڭ ئو ت م پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئوسال ئەھۋالغا قالدۇرۇشى›› بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېدى.
ھازىر ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلاردا ئېغىر كرىزىستا قالدى. ئېندالنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ 1945 – يىلى ئورناتقان پۇل مۇئامىلە ئۈستۈنلۈكى ئاياغلاشقان، ئامېرىكا ئىقتىسادى تېخىمۇ ئېغىر كرىزىسقا پېتىپ قالغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن بىلەن تونۇشقىلى 25 يىل بولغان ياۋروپالىق بانكىر ماڭا ھازىر ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ ھەمكارلىشىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بانكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسىگە ئىشەنچ قىلماي دۇبەي، ياۋروپادا پۇل مۇئامىلە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى››.
بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بېيجىڭ ئو ت م پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى ئوسال ئەھۋالغا قويۇپ، جۇڭگونى يېتىم قالدۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.
غەربلىكلەرنىڭ ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى›› دىكى پوزىتسىيىسى مۇرەككەپ
جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى شى يىنخۇڭ مۇنداق دېدى: ‹‹ئامېرىكا دالاي گۇرۇھى ۋە <شىزاڭ مۇستەقىللىقى> كۈچلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان خەلقئارادىكى ئەڭ ئاساسلىق كۈچ، ئامېرىكا <شىزاڭ مەسىلىسى> دە ئىككى تەرەپلىمە پوزىتسىيە تۇتماقتا. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن، جۇڭگونىڭ شىزاڭغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ <شىزاڭ مەسىلىسى> نى ئو ت م بىلەن باغلىمىدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا يەنە دالاي گۇرۇھى ۋە <شىزاڭ مۇستەقىللىقى> كۈچلىرىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى. مەيلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى بولسۇن ياكى دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىگە ئوخشاش غەيرىي رەسمىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك دالاي گۇرۇھىنى قوللاپ، دالاينى ئۇچۇرۇپ، ئۇنى شىزاڭنىڭ دىنىي ۋە مەنىۋى داھىيسى قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ <شىزاڭ مەسىلىسى> دە بېسىم ئىشلەتمەكتە. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قوغدىشى بىلەن مۇقەررەر مۇناسىۋەتلىك. لېكىن ئىستراتېگىيە جەھەتتە جۇڭگونى ئىسكەنجىگە ئېلىش ۋە چەكلەش ئامىلىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىمى نى فېڭ مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم غەربنىڭ ‹‹شىزاڭ مەسىلىسى›› دىكى رولى ‹‹رەڭلىك ئىنقىلاب›› بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ۋەقەنى تۇتۇپ، ئارقىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، مەسىلىنى چوڭايتىپ، رەقىبىنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، رەقىبىنى يول قويۇشقا قىستايدۇ. مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەردە غەرب سايلام قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ‹‹رەڭلىك ئىنقىلاب›› قىلدى. جۇڭگودا ئو ت م دىن پايدىلىنىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، كرىزىس پەيدا قىلىش ھەم كرىزىسنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگونى ھاقارەتلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بىراق ئامېرىكا بىر نۇقتىغا سەل قارىدى، يەنى ‹‹لاما ئىنقىلابى›› نىڭ ئۆزى ئىككى تەرەپلىمىلىككە ئىگە، خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلمىغان سەرگەردان ھۆكۈمەتنى قوللاپ، ئاۋارىچىلىك تېپىپ، قىسمەن دائىرىدىكى مەسىلىنى چوڭايتماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئەكس رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ.
‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن
|