باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىدۇ
2008- 05- 13 11:42 شىنجاڭ گېزىتى

      ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى يېقىندا چىقارغان ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كادىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››دە: بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز كەمچىل بولۇۋاتقان ئىختىساسلىقلار ۋە يېزىلاردىكى ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەسىپ، تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

     ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كەسپىي، تېخنىكا ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سۇچىلىق، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ساياھەتچىلىك، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، سەھىيە جەھەتلەردىكى كەسىپ، تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىكەن. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار، گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەر، مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىكلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىدە مەلۇم ئېتىبار بېرىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كەسپىي، تېخنىكا خادىملىرى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتا رايونى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى، داۋالاش، سەھىيە ئورۇنلىرىغا تەربىيىلىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا ئىگىلىك، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق كەسىپلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا ياش، ياش پەن – تېخنىكا تايانچلىرىنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش كۈچەيتىلىدىكەن.

     ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاست نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تۈرلىرى ۋە ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتا دۇچ كېلىۋاتقان تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ۋە چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى رايونىدىن مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەش، ئىلىم ئالماشتۇرۇش، تېخنىكىلىق يېتەكچىلىك ۋە تايانچ كادىرلارنى تەربىيىلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە تەشكىللىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈرلۈك كەسپىي، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ. ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەسپىي، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كەسپىي ئۇنۋانىنى باھالاش، ئىش ئورنىغا تەكلىپ قىلىش ۋە تولۇقلاشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەسپىي، تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشتا كەسىپ ئېھتىياجى ۋە ئەمەلىي خىزمىتىگە ئاساسەن ئىقتىدارى، كەسىپ نەتىجىسى يېتەكچى قىلىنىپ، چەت ئەل تىلى ئىمتىھان نەتىجىسى پايدىلىنىش شەرتى قىلىنىدۇ.

     يېزىلارنىڭ ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەيتىشتە، ھەر يىلى  يېزىلاردىكى ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى تەشكىللىنىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان رايونلارغا تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىلىدۇ. تەرەققىي قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە يېزىلاردىكى ئەمەلىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا يېتەكچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىپ، شۇ جاينىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيىسى ئۆستۈرۈلىدۇ. ئاپتونوم رايون يەنە ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالىي تېخنىك ۋە تېخنىك ئىش ئورنى، ئالىي تېخنىكلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، كۆرسىتىش سانىنى كۆپەيتىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ‹‹ئۈچكە ياردەم بېرىپ، بىرنى يۆلەش›› تۈرى نورمىسى مۇۋاپىق كۆپەيتىلىپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پراكتىكا بازىسى ئاكتىپ قۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيىلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان كەسىپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىپ خىزمەت قىلىشىغا ئاكتىپ ئىلھام بېرىلىپ ۋە يېتەكلىنىپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ئەھۋالى پەيدىنپەي ھەل قىلىنىدۇ.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى قوللاشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە جۇغراپىيىلىك، كىلىمات ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ‹‹بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش›› قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ يولغا قويۇپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكى ۋە تايانچ كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا چەت ئەل ئىختىساسلىقلىرىنى جەلپ قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەيدۇ. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ