|
گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى يېقىندا ‹‹ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقنى مۇپەتتىش قىلىش نىزامى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››نى ئېلان قىلىپ، ئاممىدىن ئاشكارا پىكىر ئالدى.
پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئىقتىسادىي جاۋابكارلىقئالاھىدە ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان خادىملار مالىيە مەبلىغى، دۆلەت بايلىقى، دۆلەت كاپىتالى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك فوند، مەبلەغلەرنى باشقۇرۇپ ئىشلەتكەندە، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى تۆت خىل قىلمىشنى سادىر قىلسا، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ: 1) قانۇن – نىزام ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى، ئىدارىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلسا؛ 2) قول ئاستىدىكىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىپ، كۆرسەتمە بېرىپ، قاراملىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى مەيلىگە قويۇۋېتىپ، قانات ئاستىغا ئېلىپ، قانۇن – نىزام ۋە دۆلەتنىڭ باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى، ئىدارىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىگە بىۋاسىتە خىلاپلىق قىلسا؛ 3)ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلسا؛ 4)ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بولسا.
پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: بىۋاسىتە جاۋابكارلىقتىن باشقا، ئاساسلىق مەسئۇل كىشى ئۆزى بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان خىزمەتتە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالمىسا ياكى توغرا ئادا قىلمىسا، ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ بىۋاسىتە باشقۇرۇش دائىرىسىدە بولمىغان خىزمەتلەردە ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالمىسا ياكى توغرا ئادا قىلمىسا، رەھبەرلىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|