|
دۆلەت سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا تۆت تۈرلۈك تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بازارنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تاۋار ئوبوروت تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى: ماگىزىن، تاللا بازارلىرىنىڭ ‹‹بايراملىق ھەق››، ‹‹كىرىش ھەققى››، ‹‹سېتىشنى تېزلىتىش ھەققى›› قاتارلىق قالايمىقان ھەق ئېلىش ۋە مال باھاسىنى چۈشۈرۈشتە ساختىلىق قىلىشتەك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا پارىخورلۇقى، سودىغا چەك قويۇشتەك ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىش، ئەسلى باھاسىنى چۈشۈرۈش، ئىسكىلاتنى تازىلاش باھانىلىرى بىلەن ساختىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ سېتىشنى تېزلىتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
نازارەت قىلىش ۋە تېز تەكشۈرۈشنى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، ياغ، ئاشلىق، گۆش، كۆكتات، سۈت مەھسۇلاتلىرى، قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارلىق ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كېرەكلىك تاۋارلار، توپ سېتىش بازىرى، قەرەللىك بازار، ماگىزىن، تاللا بازىرى، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.
قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلىش، ساختا مال سېتىش، مالنى كەم بېرىش، تاۋارلارنى بېسىۋېلىپ ھايانكەشلىك قىلىش، باھانى خالىغانچە ئۆستۈرۈۋېتىش، ساختا ئۇچۇر تارقىتىشتەك ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز يەتكۈزۈش، بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىش؛ جىنايەت گۇماندارلىرىنى ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. 12315 ئىستېمالچىلار ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تورىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
|