|
يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2008 – يىلى مەملىكەت بويىچە پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى 80 مىليوندىن كۆپ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىنىڭ تۇغۇت خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىلىدىكەن.
بۇلتۇر 8 – ئايدا ئېلىمىزدە پىلانلىق پەرزەنت كۆرگەن ئائىلىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش تۈزۈمى، يەنى يالغۇز پەرزەنتى يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان، ئۆلۈپ كەتكەن ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش تۈزۈمى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي، غەربىي رايونلىرىدىكى ئون ئۆلكە، شەھەردە نۇقتىدا سىناق قىلىندى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: يالغۇز پەرزەنتى يارىلانغان، مېيىپ بولۇپ قالغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا پەرزەنت كۆرمىگەن ۋە ياكى قانۇنلۇق پەرزەنت بېقىۋالغان ئەر – خوتۇنغا 49 ياشقا كىرگەندىن تارتىپ ئۆلۈپ كەتكىچە ياكى پەرزەنتىنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگىچە ھۆكۈمەت بەلگىلىمە بويىچە ھەر ئايدا 80 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ.
|