|
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا گوۋۇيۈەن كەسىپلەردىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسىنىڭ ‹‹8002 – يىلى ئىستىل تۈزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا پىكىر››نى تارقىتىپ، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھۆكۈمەتلىرى بىلەن گوۋۇيۈەننىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلىرىدىن بۇ ‹‹پىكىر››نى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش – ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەكتەپلەرنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت چىقارغان ئايرىم بەلگىلىمىلەردىن سىرت، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى 6002 – يىلى كۈزدە بېكىتىلگەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەملەردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، جايلار ئۆزلىرى بېكىتكەن دۆلەتنىڭ مائارىپ ھەققى ئۆلچىمى سىياسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھۆججەت، بەلگىلىمىلىرىنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىق بويىچە مەكتەپ ئېچىش ئىشلىرىغا بولغان نازارەتچىلىك ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەش؛ مەكتەپلەرنىڭ مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھەق ئېلىش ۋە ۋاكالىتەن ھەق ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى بىردەك قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە مەكتەپنىڭ قوشۇمچە ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى بىر تۇتاش زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىش، ھەقلىق تەييارلىق كۇرسلىرىنى ئېچىش؛ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەقلىق تەربىيىلەش كۇرسلىرى، تەييارلىق كۇرسلىرى، تەكرارلاش كۇرسلىرىنى ئېچىشىنى ۋە بۇ كۇرسلاردا دەرس ئۆتۈشىنى مەنئى قىلىش كېرەك. شۇ جاينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن ھالقىغان ھەشەمەتلىك مەكتەپ قۇرۇش قىلمىشلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. مائارىپقا خىراجەت ئاجرىتىش، مەكتەپ خىراجىتى كىرىمى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى مۇپەتتىش قىلىش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
|