|
ئۈرۈمچى تاشقى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 9 – ماي چۈشتە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي سۆز قىلىپ، 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ 2008 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 5 – كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلۈدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى سودىگەرلەرنىڭ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، شىنجاڭغا كېلىپ سودا پۇرسىتى ئىزدىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكەن 16 نۆۋەتتىكىسىگە ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى 17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارنىڭ بىرى بولىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارا ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى ۋە يۈكسەلدۈرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
17 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە غەربكە ئېچىۋېتىش، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت خاسلىق داۋاملىق گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. سودىغا مەبلەغ سېلىش باش تېمىسى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، ئەۋزەل بايلىقلارنى نامايان قىلىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرلىرى داۋاملىق ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسى بولىدۇ. نېفىت خىمىيە سانائىتى، بايلىق، ئېنېرگىيە ئېچىش، سودا، ساياھەتچىلىك قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە گۈللەنگەن كەسىپلەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرىنى سودا پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، داۋاملىق مەبلەغ سېلىش قىزىق نۇقتىسى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەرمەنكە پائالىيىتى تېخىمۇ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ‹‹ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر مۇنبىرى››، ‹‹جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك كارخانىچىلار ئۇچرىشىش يىغىنى››، ‹‹قوشنا دۆلەت سودا مەسلىھەتچىلىرى سۆھبەت يىغىنى›› قاتارلىق تونۇشتۇرۇش، تېپىشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان بىر قاتار سودا پائالىيەتلىرى داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ، كارخانىلار تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۆزئارا تۈرتكە بولۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. يەرمەنكە كۆلىمى، بولۇپمۇ ماشىنا – ئۈسكۈنە يەرمەنكە رايونى روشەن كېڭەيتىلىدۇ، تاۋارلارنى تۈرگە ئايرىش، يەرمەنكىدە مۇھىتنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى مۇلازىمەت تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئىقتىساد – سودا پۈتۈشۈش ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ.
|